ئابدۇرېھىم لېتىپ
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
ئابدۇرېچىم لېتىپ 1921 - يىلى قەشقەردە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇ ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە دەسلەپ دىنىي مەكتەپتە، كېيىن قەشقەر نۇر بېشى مەھەللىسىدىكى يېڭىچە مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خوتەن، مارالبىشى قاتارلىق جايلاردا مەدەنىي ئاقارتىش ئويۇشمىلىرىدا ئىشلەيدۇ. ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن 11 ماددىلىق تىنىچلىق بىتىم تۈزگەندىن كېيىن، كېڭەش ئەزاسى بولۇپ سايلىنىپ، ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ. بىتىم بۇزۇلغاندىن كېيىن غۇلجىغا بېرىپ، ئىلى ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىدە بۆلۈم باشلىقى، نىلقىدا مۇئاۋىن ھاكىم بولىدۇ. ئازادلىقتىن كېيىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرىدۇ ۋە مارالبېشىنىڭ ھاكىمى، قەشقەر شەھەر باشلىقى، قەشقەر مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، خوتەن مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ.
ئۇ كېسەل سەۋەبى بىلەن 2000 - يىلى 6 - ئايدا ئۈرۈمچىدە 78 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.