بالېت پەرىسى
ئۇسسۇل
بالېتنىڭ گۈزەللىكى بالېت ئايال ئارتىسلىرىنىڭ پۇت ئۇچى ماھارىتى بىلەن زىچ باغلانغان. كىشىلەر ئادەتتە بالېتنىڭ پۇت ئۇچى ئۇسسۇلىنى يورغا ئاتتەك سىلىق، شامالدەك يەڭگىل دەپ تەرىپلىشىدۇ.
ھالبۇكى، بالېت يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن چاغلاردا پۇتنىڭ ئۇچى بىلەن ئۇسسۇل ئوينالمىغان. ئويۇنغا ئاياللارمۇ قاتناشمىغان. يالغان چاچ كىيىپ، نىقاب تاقىۋالغان ئەرلەر تۈرلۈك روللارنى ئالغان.1681 - يىلى بالېت تىياتىرى «مۇھەببەتنىڭ غەلىبىسى» ئوينالغاندىلا، لاين فونتېن قاتارلىق تۆت قىز تۇنجى قېتىم ئويۇنغا قاتناشقان. ئەينى چاغدا بارلىق ئايال ئارتىسلار ئۇچىسىغا بەدەننى ئوراپ تۇرىدىغان تۆمۈر ھالقىلار بېكىتىلگەن ئۇزۇن كۆڭلەك، پۇتىغا ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ، باش تەرىپىگە ئېغىر زىننەت بۇيۇملىرى ۋە نىقابلارنى تاقىغان. بەئەينى تۆمۈر چېلەككە ئوخشايدىغان بۇ خىل كىيىم بەدەننى مەھكەم ئىسكەنجىگە ئېلىۋالغان. ئارتىسلار ئازراقمۇ يەڭگىللىك ھېس قىلمىغان.18 - ئەسىرگە كەلگەندە فرانسىيىلىك ئۇسسۇلچى كاماگو بوشلۇقتا ئىككى پۇت بىلەن ئورۇندىلىدىغان «پۇت تېپىش» ھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى ماھارىتىنى نامايان قىلىش مەقسىتىدە قىسقا كۆڭلەك ۋە پاشنىسىز ئاياغ كىيىشنى يولغا قويغان.1832
- يىل3 - ئاينىڭ12 - كۈنى بالېت تىياتىرى «پەرىزات» پارىژ ئوپېرا تىياتىرىدا تۇنجى قېتىم ئوينالغان. بۇ چاغدا ئىتالىيىلىك چولپان مارى تاگلىئونى ئارتىسلارنىڭ بويۇن - بىلەك ھەمدە بەدەن شەكلىنى يېپىپ تۇرىدىغان ئەنئەنىۋى بالېت كىيىملىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ياقىسىز، قىسقا يەڭ، نېپىز، يەڭگىل ئاق كۆڭلەك كىيىپ سەھنىگە چىققان ھەمدە تۇنجى قېتىم بالېت ئايىغى بىلەن ئۇسسۇل ئوينىغان. ئۇنىڭ سەھنىدە پۇت ئۇچى بىلەن يەڭگىل يورغىلاشلىرى تاماشىبىنلارنىڭ كۆز ئالدىدا بەئەينى ئاسماندا لەيلەپ يۈرگەن بىر پارچە ئاپئاق بۇلۇتنى نامايان قىلغان. مارى تاگلىئونى پەرىزات سيېرفېلدنىڭ ھېس - تۇيغۇغا باي، جەلپكار ئوبرازىنى كىشىلەرنى مەستخۇش قىلارلىق دەرىجىدە ماھارەت بىلەن ئورۇندىغان. شۇنىڭدىن تارتىپ، ئايال بالېت ئارتىسلىرىنىڭ پۇت ئۇچى بىلەن ئۇسسۇل ئويناش تارىخى باشلانغان. فرانسىيىلىك بۈيۈك ئەدىب گيوگو مارىغا: «خىسلەتلىك پۇتلىرىڭىزغا تەقدىم، جازبىدار قوللىرىڭىزغا تەقدىم» دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، مارى تاگلىئونى «تاپىنى يەرگە تەگمەيدىغان بالېت پەرىسى» دېگەن پەخىرلىك نامغا مۇيەسسەر بولغان، نېپىز ئاق كۆڭلەكمۇ ئايال بالېت ئارتىسلىرىنىڭ ئۆلچەملىك كىيىمىگە ئايلانغان.