ئاق قۇنىڭ ئۆلۈمى
ئۇسسۇل
بالېت يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇلى «ئاق قۇنىڭ ئۆلۈمى» دە ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىر ۋە ھالاكەت بىلەن ئېلىشىشىدىكى جەسۇر، قەيسەرانە روھى ھەمدە ھاياتقا بولغان تەشنالىقى ئىپادىلەپ بېرىلگەن. كىشىلەر روھىنى زىلزىلىگە سالىدىغان بۇ ئۇسسۇل1905 - يىلى پېتربۇرگدا تۇنجى قېتىم ئوينالغان. ئۇ ھەر قېتىم ئوينالغاندا كىشىلەرگە يېڭى تۇيغۇلارنى بېغىشلاپ، ھەرقايسى ئەللەر خەلقلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا مۇيەسسەر بولغان.
«ئاق قۇنىڭ ئۆلۈمى» روسىيىلىك ئۇسسۇل رىژىسسورى مىخائىل فوكىن تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان. سۈكۈتكە چۆمگەن ئايدىڭ كېچە. بىر ئاق قۇ غەمكىن ھالدا قانات قاقىدۇ. ئۇ پۇتىنىڭ ئۇچىدا لەرزان قەدەملەر بىلەن مېڭىپ سەھنىگە چىقىدۇ ۋە كۆل يۈزىدە ئايلىنىپ ئۈزۈشكە باشلايدۇ. چېلو قايغۇلۇق ئاھاڭنى ئورۇندايدۇ. ئېغىر جاراھەتلەنگەن ئاق قۇ ئۆلۈم ئالدىدا تۇرماقتا، لېكىن ئۇ يەنىلا قانات قېقىپ ھاۋادا پەرۋاز قىلىشقا تەشنا. ئاق قۇ قاناتلىرىنى يەڭگىل قاقىدۇ ۋە پۇتلىرىنىڭ ئۇچى بىلەن كۈچىگىنىچە كۆل يۈزىدىن كۆتۈرۈلمەكچى بولىدۇ. ھاياتلىق ئۇنى ئەزرائىل بىلەن ئېلىشىشقا چاقىرماقتا. شۇ ئارىدا مۆجىزە يۈز بېرىدۇ: ئاق قۇ قاناتلىرىنى قاققىنىچە ئەگىپ ئۇچۇشقا باشلايدۇ، ھاياتلىق نۇرى قايتىدىن بالقىيدۇ. لېكىن، ئۇ چارچىغانلىقتىن ئاستا - ئاستا يەرگە يىقىلىدۇ، قاناتلىرىمۇ بارا - بارا يىغىلىدۇ. ھېلىدىن ھېلىغا چېقىۋاتقان چاقماقنىڭ تىترەڭگۈ نۇرلىرى ئۇنىڭ بەدىنىنى سىيپاپ ئۆتىدۇ. ناھايەت، ئۇ ھالسىزلىقتىن تىترەپ تۇرغان بىر قانىتى بىلەن ئاسماننى كۆرسىتىپ، ھاياتقا بولغان تەشنالىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئاخىرىدا كۆزلىرىنى ئاستاغىنا يۇمۇپ يورۇق ئالەم بىلەن خوشلىشىدۇ.