UyghurWiki
UyghurWikiئۇسسۇلجۇڭگو كلاسسىك ئۇسسۇلى

جۇڭگو كلاسسىك ئۇسسۇلى

ئۇسسۇل كلاسسىك ئۇسسۇل ئادەتتە تارىختا ئۆتكەن ئۇسسۇلچىلار تاللاش، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ئىجاد قىلىش ئارقىلىق پەيدىنپەي شەكىللەنگەن ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلدۇر. شۇڭا، ئۇ بىر يۈرۈش قېلىپلاشقان، قائىدىلەشكەن ئورۇنداش ھەرىكىتى ھەمدە ئۆزىگە خاس ئورۇنداش ئۇسلۇبىغا ئىگە. جۇڭگو كلاسسىك ئۇسسۇلى قەدىمكى فېئوداللىق جەمئىيەتتە بارلىققا كەلگەن. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى «رەڭدار لىباس ئۇسسۇلى» بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن جۇڭگونىڭ ناخشا، ئۇسسۇل ۋە تىياتىرىنى ئۆزى مۇجەسسەملىگەن تىياتىر سەنئىتى بارلىققا كەلگەن. كلاسسىك ئۇسسۇل تەدرىجىي ھالدا تىياتىر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرىكىپ كەتكەن. ھازىرغىچە ساقلانغان كۆپ سانلىق جۇڭگو تىياتىرلىرىدا ئۇلارنىڭ ئۇسلۇب ۋە ئالاھىدىلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. جۇڭگو كلاسسىك ئۇسسۇلىنىڭ ئورۇنداش ھەرىكەتلىرى ئۆزىگە خاس قائىدە - قانۇنغا ئىگە. ئۇنىڭدا قول، كۆز، بەدەن ۋە قەدەمنىڭ زىچ ماسلىشىشى تەكىتلىنىدۇ، يەنى پۇت - قولنى كۆتۈرۈش، كۆز بىلەن نەزەر سېلىش پۈتكۈل بەدەن بىلەن زىچ ماسلاشقان بولۇشى لازىم. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ھەرىكەت باشلانغاندىن تارتىپ ئاخىرلاشقانغا قەدەر، «ئۆزگىرىش ۋە ئەسلىگە كېلىش» تىن ئايرىلالمايدۇ. يەنى ئۇنىڭدا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن چېكىنىش، سوزۇلۇش ئۈچۈن تۈگۈلۈش، قۇرۇش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈش، ئېگىزلەش ئۈچۈن پەسىيىش، تۈزلىنىش ئۈچۈن ئېگىلىش پرىنسىپلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئالايلۇق، قولنى سول تەرەپكە سوزۇش ئۈچۈن ئوڭغا ئازغىنا ئېگىۋېتىپ، ئاندىن سولغا ئايلاندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. مانا بۇ «گۈزەللىك ئېگىلەشتە» دىن ئىبارەت ئۇسسۇل قانۇنىيىتىدۇر. ئۇسسۇل ھەرىكىتىنىڭ سىزىقچىلىرى قىرلىق، بۇلۇڭلۇق ئەمەس، بەلكى مۇكەممەل ۋە تولغان ھالەتتە بولۇشى لازىم. مىسال ئۈچۈن ئېيتساق، «قول ئايلاندۇرۇش» ھەرىكىتى ئاسماندىكى بۇلۇتنىڭ ئۆزگىرىشىدەك مەيىن، يەڭگىل ۋە گۈزەل بولۇشى كېرەك. جۇڭگو كلاسسىك ئۇسسۇللىرىنىڭ ئىپادىلەش ۋاسىتىسىدا مەركەزلىشىش، ئىخچاملىنىش، مۇبالىغە قىلىش ۋە تەقلىد قىلىش تەكىتلىنىدۇ. تەقلىد قىلىش − ھەقىقىي شەيئى بولمىغان ئورۇنداش ئۇسۇلىدۇر. مىسال ئۈچۈن ئېيتقاندا، قولىغا قامچا تۇتۇۋالغان ئۇسسۇلچى تۇلپارلار تاراسلاپ چېپىۋاتقان كۆرۈنۈشنىمۇ، تىزگىنى بوشىتىلغان ئاتنىڭ ئاستا قەدەم بىلەن كېتىۋاتقانلىقىنىمۇ ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. پالاق تۇتقان ئۇسسۇلچى قولۋاقنىڭ ئۈزۈپ كېتىۋاتقانلىقىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئېقىم بويلاپ ھەمدە ئېقىمغا قارشى ئۈزۈپ كېتىۋاتقانلىقىنىمۇ سۈرەتلەپ بېرەلەيدۇ. تەقلىد قىلىشتا تۇرمۇشتىكى سىمۋول خاراكتېرلىك، ۋەكىل خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەرمۇ مۇبالىغە قىلىنغان ھالدا ئورۇندىلىش ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ بەدىئىي تەسەۋۋۇرى، تۇرمۇش تەپەككۇرى قوزغىتىلىدۇ. مىڭلىغان تۇلپارلارنىڭ چېپىۋاتقانلىقىنى ئۈچ ئادەم بىلەنلا ئىپادىلەش، ئون مىڭلىغان تاغ - دەريالاردىن ھالقىپ ئۆتۈشنى سەھنىدىكى بىرنەچچە قەدەم بىلەن سۈرەتلەپ بېرىش جۇڭگو كلاسسىك ئۇسسۇلىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىپادىلەش ۋاسىتىسى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇسسۇل
جۇڭگو كلاسسىك ئۇسسۇلى | UyghurWiki | UyghurWiki