ئۇلانوۋا
ئۇسسۇل
بالېت ئارتىسلىرى تۇرمۇشتا مەڭگۈ چاۋاك سادالىرى ۋە گۈلدەستىلەر ئارىسىدا خۇشال - خۇرام يۈرمەيدۇ. مەشھۇر دۇنياۋى بالېت ئۇسسۇلى سەنئەت پېشۋاسى گالىنا ئۇلانوۋا: «ئۇسسۇل ئەمگەك ئارقىلىقلا گۈزەل، نازاكەتلىك ۋە نەپىس تۈس ئالىدۇ» دېگەن.
ئۇلانوۋا1910 - يىلى روسىيىنىڭ پېتربۇرگ شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن،18 يېشىدا ئۇسسۇل مەكتىپىنى تاماملىغان. ئۇ «ئاق قۇ كۆلى»، «كۆز يېشى بۇلىقى»، «رومېئو - جۇلىتتا» قاتارلىق مەشھۇر بالېت تىياتىرلىرىدا باش رول ئالغان. بۇ ئوبرازلار بالېت ئۇسسۇلى ئورۇنداش سەنئىتىدە ئىزچىل نەمۇنە بولۇپ، بالېت ئۇسسۇلىنىڭ سىمۋولى، روھى دېگەن پەخىرلىك ناملارغا مۇيەسسەر بولغان. ئۇلانوۋا «ۋۇجۇدىدىن نەزم، مۇزىكا ئۇرغۇپ تۇرىدۇ»، «ئۇ بىر مەبۇدە» دەپ مەدھىيىلەنگەن. ئۇ1960 - يىل12 - ئاينىڭ23 - كۈنى «شوپىن يۈرۈشلۈك مۇزىكىلىرى» خوشلىشىش كونسېرتى قويغانغا قەدەر ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ سوۋېت ئىتتىپاقى سوتسىيالىستىك ئەمگەك قەھرىمانى، خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىس، خەلق ئارتىسى، دېگەن شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى سەنئەت ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئاكادېمىكى، ئامېرىكا پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە سەنئەت ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرىي ئاكادېمىكى بولغان.
ئۇلانوۋانىڭ بۇ شەرەپلەرگە مۇيەسسەر بولۇشى ئۇنىڭ تىرىشىپ بەدەن شەكلىنى گۈزەللەشتۈرگەنلىكى، مەڭگۈ بوشاشماي ئەمگەك قىلغانلىقىدىن ئايرىلمايدۇ. ئۇ ئۇسسۇل مەشقى قىلىدىغان باگاردىن بىر كۈنمۇ ئايرىلمىغان ھالدا ئۆزىدە ئۇسسۇلنى بىمالال ئورۇندىيالايدىغان، نېرۋا ئارقىلىق بەدەن شەكلىنى تىزگىنلىيەلەيدىغان، مەزمۇن ئارقىلىق شەكىلنى باشقۇرالايدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرگەن، شۇنداقلا ئادەم بەدىنى بىلەن روھى يۈكسەك دەرىجىدە بىرىكىش ئارقىلىق مۇكەممەل گۈزەللىكنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەن.
ئۇلانوۋا ئۆمۈر بويى توختىماي مەشىق قىلغان، پۇتلىرىغا يۆگىگەن لاتىلار تەردىن ھۆل بولۇپ كەتكەن، پۇتلىرى ئاغرىپ يول يۈرۈشىمۇ قىيىنلاشقان. لېكىن، كەسىپكە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق ھەمدە قەتئىي ئىرادە ئۇنى ھامان ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرغان. ئۇ دائىم: «مەن چوقۇم مۇشۇنداق قىلىشىم كېرەك!» دېگەن. بولۇپمۇ ئۇ سەنئەتتىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان چاغلاردا «مېنىڭ بارلىقىم ئەمگەكتىن كەلگەن» دەپ قارىغان.