UyghurWiki
UyghurWikiئۇسسۇلخەلق ئۇسسۇللىرى

خەلق ئۇسسۇللىرى

ئۇسسۇل ئەمگەكچى خەلق ئۆزى ئىجاد قىلغان، خەلق ئىچىگە تارقالغانلىكى ئۇسسۇل خەلق ئۇسسۇلى دەپ ئاتىلىدۇ. پۈتكۈل دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز خەلق ئۇسسۇلى بولىدۇ. جۇڭگودىكى50 تىن ئارتۇق قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ خەلق ئۇسسۇللىرى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. موڭغۇللارنىڭ خەلق ئۇسسۇلى جۇشقۇن، مەردانە، چەبدەس كېلىدۇ؛ زاڭزۇلارنىڭ خەلق ئۇسسۇلى رىتىمى لەرزان، ئۇسسۇل قىياپىتى ئازادە، گۈزەل، راۋان بولۇشتىن تاشقىرى، ئۇنىڭدا يەنە رىتىمى تېز، ئۇسسۇل قىياپىتى قىزغىن، جۇشقۇن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەر ساقلانغان بولىدۇ؛ ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئۇسسۇلى ئەركىن - ئازادە، خۇشخۇي ۋە جانلىق كېلىدۇ؛ چاۋشيەن مىللىتىنىڭ خەلق ئۇسسۇلى ئۆزىگە خاس مەنە بىلەن نەپىس ئورۇندىلىدۇ. بۇ خەلق ئۇسسۇللىرىنىڭ تۈرلۈك ئۇسلۇب ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى شۇ مىللەتلەرنىڭ خىلمۇخىل ئىجتىمائىي تۇرمۇش، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، يەرلىك مۇھىت، ئەمگەك شەكلى، ئۆرپ - ئادەت قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ. «ياڭگىر ئۇسسۇلى» دا خەنزۇ مىللىتىنىڭ تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى تەسۋىرلىنىدۇ. موڭغۇل خەلق ئۇسسۇللىرىدا ئارغىماقلار تاراسلاپ چېپىۋاتقان ئوبرازلار كۆپلەپ ئۇچرايدۇ، مانا بۇ كۆچمەن موڭغۇل مىللىتى تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئىنكاسىدۇر. شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مىللىتىدە قىش كۈنلىرى دېھقانچىلىقتىن بوشىغان چاغلاردا توپلىشىپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايدىغان ئەنئەنىۋى ئادەت ساقلانغان. شۇڭا، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇل ئويناش ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇلىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇسسۇل