UyghurWiki
UyghurWikiئۇسسۇلھازىرقى زامان ئۇسسۇلى

ھازىرقى زامان ئۇسسۇلى

ئۇسسۇل ھازىرقى زامان ئۇسسۇلىنى19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى،20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بارلىققا كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ. شۇغىنىسى، ئۇنىڭغا ھازىرغا قەدەر ئېنىق تەبىر بېرىلمەي كەلدى. يەنى ئۇنىڭدا ھازىرقى زاماندا مودا بولغان ئۇسسۇللار ئەمەس، بەلكى ھازىرقى زامان ئۇسسۇلى بويىچە ئىجاد قىلىنغان ۋە ئورۇندالغان ئۇسسۇللار كۆزدە تۇتۇلماقتا. ھازىرقى زامان ئۇسسۇلى كلاسسىك ئۇسسۇلغا قارىغاندا ئىجادكارلىققا باي، ئىزدىنىش روھىغا ئىگە. ئۇنىڭ شەكلى ۋە ئۇسلۇبى ئىجاد قىلغۇچى ئىپادىلىمەكچى بولغان ئىدىيە ۋە ھېسسىياتقا ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇسسۇلچىسى خېلېن تامىرىس1927 - يىلىدىكى كونسېرت نومۇرلىرى تىزىملىكىگە مۇنداق دەپ يازغان: «بۇ يەردە ئومۇملاشقان قانۇنىيەت يوق. ھەربىر سەنئەتكار ئۆز قانۇنىنى ئىجاد قىلىدۇ.» بۇ گەپتە ھازىرقى زامان ئۇسسۇلىنىڭ روھى ۋە قىياپىتى بەكمۇ تىپىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ھازىرقى زامان ئۇسسۇلىنىڭ يەنە بىر مۇھىم بەلگىسى شۇكى، ئۇنىڭدا ئادەم بەدىنىنىڭ ئۇسسۇلنى ئىپادىلەش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇلىدۇ، يەنى ئادەم بەدىنى ھېسسىياتنى تولۇق ۋە بىۋاسىتە ئىپادىلەپ بېرىدۇ. دۇنيا ئېتىراپ قىلغان «ئەركىن ئۇسسۇل» نىڭ ئىجادچىسى ئىزادورا دېنكېن «ھازىرقى زامان ئۇسسۇلىنىڭ ئانىسى»؛ «ئادەم بەدىنى ھەرىكەت قانۇنىيىتى ئىلمى» نى ئىجاد قىلغان ئاۋسترىيىلىك ئۇسسۇلچى رودولﻒ لابان «ھازىرقى زامان ئۇسسۇلىنىڭ ئاتىسى» ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇسسۇلى راۋاجلىنىش جەريانىدا تۈرلۈك سەنئەت ئېقىملىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى. ئالايلۇق، «مارتاگراخام ماھارىتى»، «يىغىۋېلىش ۋە قويۇۋېتىش» قائىدىسىگە ئاساسەن، قىرلىق ۋە تىترەش خاراكتېرىدىكى ھەرىكەتلەرنى ئىشلىتىپ ئىچكى ھېسسىياتنى ئىپادىلەپ بەردى. «دوررى ھامفىرى ماھارىتى»، «يىقىلىش ۋە قايتىدىن تۇرۇش» قائىدىسىگە ئاساسەن ئادەم بەدىنى بىلەن يەرنىڭ تارتىش كۈچى ئوتتۇرىسىدىكى قارىمۇقارشىلىقتىن پايدىلىنىپ، ئادەمنىڭ ئىچكى روھىي دۇنياسىنى ئەكس ئەتتۈردى. ئالۋېن نىكلوي ئادەم بەدىنى بىلەن خۇر، كىيىم، دېكوراتسىيە ۋە سەھنە جابدۇقلىرىنى ئورگانىك ھالدا ماسلاشتۇرۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ كۆرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.
← بارلىق تېمىلار ئۇسسۇل