UyghurWiki
UyghurWikiئۇسسۇلھېسسىياتلىق، جەلپكار دىسكو

ھېسسىياتلىق، جەلپكار دىسكو

ئۇسسۇل «دىسكو» 20 - ئەسىر70 - يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئامېرىكىدا پەيدا بولغان. ئۇ جاز ئۇسلۇبىدىكى كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرلىك ئۇسسۇلدۇر. بۇ خىل ئۇسسۇل دەسلەپتە ئامېرىكا تۆۋەن قاتلام جەمئىيىتىدىكى نېگىرلار ۋە ئەمگەكچى ياشلار ئارىسىدا ئەۋج ئالغان، كېيىنچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان. دىسكو ئۇسسۇل مۇزىكىسىنىڭ رىتىمى تېز ۋە كۈچلۈك، سۈرئىتى مىنۇتىغا120 ئۇدارغا يېتىدۇ. شۇڭا، ئۇ ناھايىتىمۇ زور غىدىقلاش خاراكتېرىگە ھەمدە كىشىلەرنى ھاياجانغا چۆمدۈرۈپ ئۇسسۇلغا دەۋەت قىلىدىغان ئاجايىپ سېھىرلىك كۈچكە ئىگە. كىشىلەر بۇ ئۇسسۇلنىڭ ھەرىكىتى، قىياپىتى ۋە قەدىمىنى ئىختىيارى ۋە دەمال ئىجاد قىلىدۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ ياش، جىنس ھەمدە سورۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. ھەركىم ئۆز ئىختىيارىچە ئويناپ ھېسسىياتىنى تولۇق ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا، ئۇ كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا مۇيەسسەر بولغان. دىسكونىڭ ئاساسىي ھەرىكىتى يانپاش ۋە ئىككى تىزدىن كۈچەش، بەدەندىكى ھەممە ئۈگىلەرنى پەيدىنپەي ئۇزاق ۋە ماسلاشقان ھالدا ھەرىكەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ خىل ئۇسسۇل كىشىلەرنىڭ پسىخىكىلىق ۋە فىزىئولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقى، خىزمەت ۋە ئەمگەكتىن كېيىنكى ھارغىنلىقنى تۈگىتىش ھەمدە سالامەتلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي رول ئوينايدۇ. ئېلىمىز شائىرى شاۋ يەنشياڭ ئۆز شېئىرىدا دىسكونى توغرا، چوڭقۇر مەدھىيىلىگەن ۋە تەرىپلىگەن. ئۇ شېئىرىدا مۇنداق دەپ يازغان: «سۈرئەتكە زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا ماسلىشىپ قىلار ئىلتىجا. توختىماي ياڭرىغان رىتىم ئىچىدە، پۇت - قولنى كۆتۈرۈپ ئوينايدۇ راسا. ئۆزىنى يارىتىش نەغمىسىدۇر بۇ، ساغلاملىق، ياشلىقنىڭ بەلگىسىدۇر بۇ.»
← بارلىق تېمىلار ئۇسسۇل