بالېت
ئۇسسۇل
بالېت ئاتالغۇسى ئىتالىيان تىلىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇسسۇل ئويناش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بالېت بەئەينى سۇنىڭ ئېقىشىنى ئەسلىتىدىغان پۇت ئۇچى قەدىمى، يەڭگىل ۋە گۈزەل ئىرغىتىش قىياپىتى، قۇيۇننى ئەسلىتىدىغان پىرقىراش قىياپەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، ئۇ «پۇت ئۇچى ئۇسسۇلى» ھەمدە «ئىرغىتىش، پىرقىراش سەنئىتى» دەپ ئاتالغان. بۈگۈنكى كۈندە بالېتتىكى پۇت ئۇچى قەدىمى، بالېتتا قېلىپلاشقان ھەرىكەت تەرتىپى شەكلى ئارقىلىق ئورۇندالغاندىكى ئۇسسۇل بالېت ئۇسسۇلى دەپ ئاتالماقتا.
بالېت پەيدا بولغاندىن تارتىپ ھازىرقى راۋاجلىنىش دەۋرىگە قەدەر500 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە. ئۇ ئەدەبىيات - سەنئەت قايتا گۈللەنگەن دەۋردىكى ئىتالىيىدە باش كۆتۈرگەن،16 -،17 - ئەسىرلەردىكى فرانسىيىدە بارلىققا كەلگەن ۋە پىشىپ يېتىلگەن، كېيىنچە ئەنگلىيە ۋە روسىيىگە تارقىلىش ئارقىلىق تەدرىجىي ۋايىگە يەتكەن. ئارقىدىنلا، دانىيە، شۋېتسىيە، برازىلىيە ۋە مېكسىكىلاردا يەنىمۇ راۋاجلانغان. بۈگۈنكى كۈندە پۈتكۈل دۇنياغا داڭق چىقارغان.1581 - يىل10 - ئاينىڭ25 - كۈنى فرانسىيە خانىشى لۇئىس سىڭلىسى ماگرىتنىڭ توي مۇراسىمىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن پارىژنىڭ سىرتىدىكى فونتاينېبلېئۇدا «خانىش كومېدىيە بالېتى» قويدۇرغان. ئادەتتە ئۇسسۇل تارىخچىلىرى بۇ كۈننى بالېت ئىجاد قىلىنغان كۈن دەپ قارايدۇ.
بالېت ئۇسسۇلى ئۇسسۇل، مۇزىكا ھەمدە دراما ۋەقەلىكى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن، بالېت ئۇسسۇلىنىڭ راۋاجلىنىپ ئالىي دەرىجىگە يەتكەن شەكلى. ئۇنىڭدا ئۇسسۇل ئاساسلىق ئىپادىلەش شەكلى قىلىنغان. ھالبۇكى، چەت ئەل بالېت تىياتىرلىرىدا مۇزىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشكىمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. شۇڭا، بالېت تىياتىرى «مۇزىكىلىق تىياتىر» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئالايلۇق، «ئاق قۇ كۆلى»، «ئۇيقۇدىكى ساھىبجامال» غا ئوخشاش مەشھۇر بالېت تىياتىرلىرىدا روسىيە كومپوزىتورى چايكوۋسكىي يازغان بالېت مۇزىكىلىرىغا ئاساسەن ئۇسسۇل ئىشلەنگەن. ھازىر ۋەقەلىكى بولمىغان بىر خىل بالېتمۇ بارلىققا كەلدى. ئۇنىڭدا مۇزىكىلىق ئەسەر ھەققىدىكى مۇلاھىزە ئۇسسۇل ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ، يەنى خۇددى شېئىردەك بەدىئىي مەنە ۋە ئىچكى ھېسسىياتنى قوزغىتىش ئارقىلىق تاماشىبىنلارنى بالېت سەنئىتىنىڭ گۈزەللىكىدىن بەھرىمەن قىلىش تەكىتلىنىدۇ.
بالېتتا ئارتىسلارنى قاتتىق، سىستېمىلىق تەربىيىلەيدىغان بىر يۈرۈش قائىدە يولغا قويۇلغان. بۇنىڭدا پۇتنىڭ ئورنى بەش تۈرگە بۆلۈنىدۇ، بەدەن ئېغىرلىق مەركىزىدىن ئايرىلغان چاغدىمۇ ئالدى - كەينىگە ۋە ئوڭ - سولغا ھەرىكەتلىنىپ ئۇسسۇللۇق ھەرىكەتلەرنى ئىشلىيەلەيدۇ. مانا بۇ بالېتنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى ھېسابلىنىدۇ.