ئۇسسۇلدىن زوقلىنىشنىڭ ئېپى
ئۇسسۇل
كىشىلەر ئۇسسۇلنى ئىچكى ھېسسىياتنى ئىپادىلەش مەقسىتىدە ئىشلەپ چىقىدۇ، ئۇسسۇل قىياپىتى ۋە ئۇسسۇل قەدىمى ھېسسىياتنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزگىرىپ، ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇسسۇل ئوبرازى ئىجادىيەتچى سۇبيېكتىپ ھېسسىياتىنىڭ مەۋج ئۇرۇشى ھەمدە بەدىئىي تەسەۋۋۇر ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ. ئۇسسۇل ئىپادىسىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاقلانغان، تاۋلانغان بولىدۇ. شۇڭا، ئۇسسسۇلدىن زوقلىنىشتا ئۇنىڭ ئومۇمىي ئىپادىسىنىڭ كەيپىياتىنى ھېس قىلىش ئارقىلىق تۇرمۇشقا بولغان تەپەككۇرىنى قوزغاش لازىم. بولۇپمۇ «نېلۇپەر ئۇسسۇلى» غا ئوخشاش مەلۇم ئىدىيە ئالغا سۈرۈلگەن ئۇسسۇللاردا تاڭ قۇياشىنىڭ ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەنلىكى، نېلۇپەر گۈللىرىنىڭ مەيىن شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغانلىقىدىن ئىبارەت گۈزەل ئوي - پىكىرلەر ئارقىلىق ۋەتىنىمىزنىڭ روناق تېپىپ كۈنسېرى گۈللەپ ياشناپ تۇرغان بەختىيار مەنزىرىلىرى خىيال ئېكرانىمىزدا ئەكس ئېتىشى كېرەك.
ئۇسسۇل تۇرمۇشنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىدىغان ياكى تۇرمۇشتىكى بەزى ھالەتلەرگە ئادەم بەدىنى ھەرىكىتى بىلەن تەقلىد قىلىنىدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇسسۇل ئىجاد قىلغۇچىلار بەدىئىي تەسەۋۋۇرىنى جارى قىلدۇرىدۇ، شۇنداقلا سۇبيېكتىپ ھېسسىياتى ۋە ئوي - پىكرىنى ئوبيېكتىپ شەيئىلەر ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. ئۇسسۇلدا ئادەم بەدىنى ئورۇندىغان گۈل - گىياھ، ئۇچار قۇش قاتارلىق تەبىئەت دۇنياسىدىكى مەۋجۇداتلار خۇددى سېھىرلەنگەندەك، مول ھېسسىيات بىلەن پىرقىراپ ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر ئادەتتە ئۇسسۇل تەسەۋۋۇرى بولمىسا ئۇسسۇل سەنئىتىمۇ بولمايدۇ، دېيىشىدۇ. ئۇسسۇلدىن زوقلىنىشتا ئۇنى ئەمەلىي تۇرمۇش بىلەن باراۋەر ئورۇنغا قويماسلىق، بەزى ھەرىكەتلەرنىڭ ئوخشىغان - ئوخشىمىغانلىقىغىلا قارىماسلىق، بەلكى ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن ھېسسىياتنىڭ مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكىگە نەزەر سېلىش لازىم. ئادەم ھېسسىياتىنىڭ راۋاجىغا ئۇيغۇنلا بولىدىكەن، ئۇسسۇل كەيپىياتىنى تۇرمۇشتىنمۇ كۈچلۈك ئىپادىلەشكە يول قويۇلىدۇ، ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ ئوبرازىنى يارىتىشتا تۇرمۇشتىن ئاشۇرۇپ مۇبالىغە قىلىشقىمۇ يول قويۇلىدۇ.