جاۋفېييەن
ئۇسسۇل
ئېلىمىزنىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدە جاۋ فېييەن ئىسىملىك مەشھۇر ئايال ئۇسسۇلچى ئۆتكەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ ئۇسسۇلنى خۇددى قارلىغاچ پەرۋاز قىلغاندەك يەڭگىل ئوينىغاچقا، ئالىقاندا ئۇسسۇل ئوينايدۇ، دەپ تەرىپلەنگەن.
جاۋ فېييەن ئۇسسۇلنى ناھايىتى ياخشى ئوينىغاچقا، خەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ئۇنى ئوردىغا تاللىغان ۋە ئۇنىڭغا خانىش مەرتىۋىسىنى بەرگەن. بىر كۈنى جاۋ فېييەن ئوردىدا «شامال بىلەن يىراققا سەپەر» ئۇسسۇلىنى ئويناۋاتقاندا توساتتىن قاتتىق بوران چىققان. جاۋ فېييەن بوراندا يەڭلىرىنى لەپەڭشىتىپ ئۇسسۇل ئوينىغاچقا، گويا ئۇچۇپ ئاسمانغا چىقىپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ كەتكەن. قورقۇپ كەتكەن پادىشاھ ئالدىراپ - تېنەپ: «ئۇنى چىڭ تۇتۇۋېلىڭلار» دەپ توۋلىغان. شۇنداق قىلىپ، جاۋ فېييەن ئۇچۇپ كېتىشتىن ئامان قالغان.
بۇ رىۋايەت گەرچە مۇبالىغە قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدا ئېلىمىز ئۇسسۇلچىلىقىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئېلىمىزدە قەدىمدىن تارتىپ ناھايىتى يۇقىرى ئۇسسۇل ماھارىتى ھەمدە يۈكسەك بەدىئىي ئىجادكارلىققا ئىگە بىر تۈركۈم ئۇسسۇل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى چۈشەندۈرۈپ بېرىلگەن. يەنە ئۇنىڭدا ئۇسسۇل قىياپىتىدىكى يەڭگىللىك، ئەۋرىشىملىك، گۈزەللىكنىڭ جۇڭگو كلاسسىك ئۇسسۇلىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكىمۇ بايان قىلىنغان.