UyghurWiki
UyghurWikiئۇسسۇلدېنكېن

دېنكېن

ئۇسسۇل ئېرىلاندىيە تەۋەلىكىدىكى ئامېرىكىلىق ئۇسسۇلچى ئىزادورا دېنكېن (1878 −1927 ) سان فرانسىسكودىكى بىر نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دەسلەپكى ئۇسسۇلچىلىق ھاياتى ئانچە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان، لېكىن ئۇ ئۇسسۇلچىلىق سەنئىتىنى قەتئىي بوشاشماي داۋاملاشتۇرغان،21 يېشىدا يىغقان ئازغىنا پۇلى بىلەن ھايۋانلارنى توشۇيدىغان پاراخوتقا چۈشۈپ ئەنگلىيىگە كەلگەن ھەمدە بۈيۈك ئەنگلىيە مۇزېيىدا قەدىمكى گرېتسىيە سەنئىتىنى تەتقىق قىلىپ زور ئىلھام ئالغان. كلاسسىك بالېت ئۇسسۇلىدىكى ئەنئەنىۋى تەرتىپلەرنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ، ئەسلىدىكى ئىقتىدار ۋە ئىلھامغا تايىنىپ ئوينىلىدىغان ئەركىن ئۇسسۇلنى ئىجاد قىلغان. ئەركىن ئۇسسۇل ھەرىكەت تەبىئىي، شەكىل ئەركىن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئۇنىڭدا يەنە ئادەم بەدىنىنى ئازاد قىلىشمۇ تەكىتلەنگەن. ئەڭ مۇھىمى، دېنكېن ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلنىڭ كونا قائىدە - تەرتىپلىرىدىن ئادا - جۇدا بولۇشتا ئۈلگە تىكلىگەن. دېنكېن گۈزەللىك سېزىمى ئادەم بەدىنى ئارقىلىق يارىتىلمىسا، ئۇسسۇل سەنئىتى مەۋجۇت بولالمايدۇ، دەپ قارىغان شۇنداقلا «مەن ئورۇندىغان ئۇسسۇل گۈزەللىكنىڭ روھىمنى قوزغىتىشى ئارقىلىق ئەركىن ئىپادىلىنىدۇ» دېگەن.1905 - يىلى دېنكېن روسىيىگە بېرىپ ئويۇن قويغان. ئۇنىڭ يەڭگىل كىيىم كىيگەن بەدىنى، يالىڭاچ پۇتلىرى، مەخسۇس ئۇسسۇل ئۈچۈن ئىشلەنمىگەن مۇزىكىغا ھېچقانداق چەكلىمىسىز ھالدا ئوينىغان ئۇسسۇل قىياپىتى دۇنيا ئۇسسۇل ساھەسىنى زىلزىلىگە سالغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دېنكېن «ھازىرقى زامان ئۇسسۇلىنىڭ ئانىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا مۇيەسسەر بولغان. كېيىنكى20 يىل داۋامىدا ئۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سەييارە ئويۇن قويغان، فرانسىيە، گېرمانىيە، روسىيە ۋە ئامېرىكىدا ئۇسسۇل مەكتەپلىرىنى ئاچقان. روسىيە دېھقانلىرىنىڭ ئېزىشكە قارشى تۇرغانلىقى ئىپادىلەنگەن «سلاۋ مارشى» ناملىق ئۇسسۇللۇق ئەسەرنى ئورۇندىغان، فرانسىيە دۆلەت شېئىرى «مارسېل ناخشىسى» غا ئۇسسۇل ئىشلەپ، ئىنقىلاب غەلىبىسىنىڭ روھىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. دېنكېن ئىنقىلابىي ئۇسسۇللۇق تىياتىر «قىزىل بايراق» نى ئوينىغانلىقتىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگىمۇ ئۇچرىغان.1927 - يىلى بەختكە قارشى قاتناش ھادىسىسىدە قازا تاپقان.
← بارلىق تېمىلار ئۇسسۇل
دېنكېن | UyghurWiki | UyghurWiki