مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل
ئۇسسۇل
ئۇسسۇلدا مۇزىكا بىلەن ئۇسسۇل ئۆزئارا ئايرىلماس قوشماق ئاچا - سىڭىل ھېسابلىنىدۇ، ئوبرازنى كۆرۈش بىلەن ئاڭلاش بىر گەۋدىگە ئايلىنىدۇ.
فرانسىيىلىك بىر ئۇسسۇل ئىسلاھاتچىسى مۇنداق دېگەن: «مۇزىكا بىلەن ئۇسسۇل زىچ بىرلەشكەندە، بۇ ئۇنىۋېرسال سەنئەتتىن بۈيۈك ھېس - تۇيغۇ بارلىققا كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاجايىپ جازبىدار كۈچى قەلبىڭىز ۋە ئەقىل - ھوشىڭىزنى ئەسىر قىلىۋالىدۇ.» جۇڭگونىڭ قەدىم زاماندىكى «نەغمە» سى ئادەتتە ئۇسسۇل، مۇزىكا ۋە شېئىرنى ئۆزئارا مۇجەسسەملىگەن. «ئۇسسۇل مۇزىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېگەن جۈملىدە ئۇسسۇلنىڭ مۇزىكا مەزمۇنىنى ئىپادىلەشتىكى كونكرېت ۋە ھېس قىلغىلى بولىدىغان شەكىل ئىكەنلىكى كۆزدە تۇتۇلغان.
مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل بەدىئىي ئىپادىلەشنى مۇئەييەن رىتىم ئارقىلىق ئورۇندايدۇ. بۇ ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۆزئارا بىرلىشەلەيدىغانلىقىنىڭ ئاساسىي سەۋەبى ھېسابلىنىدۇ. ئۇسسۇلدا قانۇنىيەتلىك ئۇسسۇل قىياپىتى ۋە ئۇسسسۇل قەدىمى رىتىم ئارقىلىق تەشكىل قىلىنىدۇ. مۇزىكا ئۇسسۇلغا ياردەملىشىپ مەزمۇننى يەتكۈزۈپ بېرىش، كەيپىياتنى ئىپادىلەش، كەيپىيات يارىتىش ئارقىلىق مەقسەتنى نامايان قىلىپ، ئۇسلۇبنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. ئالايلۇق، «قىزىل يىپەك ئۇسسۇلى» دا خۇشال كەيپىيات ئىپادىلىنىدۇ. مۇزىكىنىڭ سۈرئىتىنى يېتەرلىك دەرىجىدە تېزلەتكەندىلا، بۇ خىل قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن قىزغىن كەيپىياتنى ئىپادىلەپ بەرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئىككى كىشىلىك بالېت ئۇسسۇلى «ئاھاڭ» دا مۇلايىم، گۈزەل ۋە لىرىك كەيپىيات ئىپادىلىنىدۇ. مۇزىكىنىڭ سۈرئىتىنى يېتەرلىك دەرىجىدە ئاستىلاتقاندىلا، بەئەينى چۈشنى ئەسلىتىدىغان ئۇسسۇل كەيپىياتىنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. جۇڭگونىڭ ئۇسسۇل سەنئىتىدە ناخشا - ئۇسسۇل ئەنئەنىسى تېخىمۇ كۆپ ساقلانغان، مىللىي ئۇسسۇللاردا ئارتىسلار چالغۇ كۆتۈرۈپمۇ ئۇسسۇل ئوينايدۇ. ئالايلۇق، خەنزۇلارنىڭ «بەل دۇمباق ئۇسسۇلى»، مياۋزۇلارنىڭ «قومۇش نەي ئۇسسۇلى»، چاۋشيەن مىللىتىنىڭ «ئۇزۇن دۇمباق ئۇسسۇلى» قاتارلىقلاردا ئۇسسۇلچىلارنىڭ قولىدىكى چالغۇلار تەڭكەش قىلىش رولىنىلا ئەمەس، بەلكى ھېسسىيات يەتكۈزۈش، كەيپىياتنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىش رولىنىمۇ ئوينايدۇ. «غالىبىيەت دۇمباق ئۇسسۇلى» دا دۇمباق ئىككى ئۇزۇن پۆپۈك بىلەن چېلىنىدۇ، ئۇسسۇلچىلارمۇ دۇمباقنى پۆپۈك بىلەن چالىدۇ. دۇمباقنىڭ تېز - ئاستا، كۈچلۈك - ئاجىز چېلىنىشى ئۇسسۇلچىلارنىڭ شاد - خۇرام، قىزغىن، ھېسسىياتلىق كەيپىياتىنى بىۋاسىتە ئىپادىلەپ بېرىدۇ.