ئۇسسۇلنىڭ ئالاھىدىلىكى
ئۇسسۇل
مۇزىكىدا ئاۋاز ئىشلىتىلىدۇ، ئۇ مۇئەييەن رىتىم ۋە مېلودىيە ئارقىلىق ئېيتىلىدۇ ياكى چېلىنىدۇ؛ رەسىم سىزىشتا سىزىق، رەڭ، يورۇقلۇق ۋە كۆلەڭگە قەلەم بىلەن سىزىلىپ، ئادەم ياكى مەنزىرە ئىپادىلىنىدۇ؛ ئەدەبىياتتا يېزىق ئارقىلىق ئەسەر ۋەقەلىكى تەسۋىرلىنىدۇ، پېرسوناژ ئوبرازى يارىتىلىدۇ. ئۇسسۇلنىڭ ئىپادىلەش قورالى ئادەم بەدىنىدۇر. ئۇنىڭدا ئادەم بەدىنى ھەرىكىتى مۇھىم ئىپادىلەش ۋاسىتىسى قىلىنىش ئارقىلىق «ئۈنسىز تىل» تەشكىللىنىپ، ئادەمنىڭ ئىدىيە، ھېسسىياتى ئىپادىلىنىدۇ، كىشىلەرگە ئېستېتىكىلىق زوق بېرىلىدۇ.
ئۇسسۇل ئادەم بەدىنى سەنئىتىدۇر. شۇڭا، ئۇنىڭ بەدىئىي ئوبرازى مەلۇم بىر ماكاندا نامايان قىلىنىدۇ، كىشىلەر ئۇنى كۆز بىلەن كۆرۈش ئارقىلىق ھېس قىلالايدۇ. ئۇسسۇل گۈزەل سەنئەتتىكى ھەيكەلتىراشلىق بىلەن بىردەك، ماكان سەنئىتى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ئۇسسۇل ئىپادىلەش جەريانىدا بىر - بىرىگە تۇتاش ھەرىكەتلەرنى مۇزىكا داۋامىدا ئورۇنداپ چىقىدۇ. ئۇسسۇل قىياپىتى بىلەن ئۇسسۇل قەدىمى ھەرىكەت جەريانىدا تەشكىللىنىدۇ، شۇنداقلا ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدىغان ۋاقىت ۋە تەرتىپ خاراكتېرىنى ئالغان بولىدۇ. شۇڭا، ئۇ مۇزىكا ئورۇندىغانغا ئوخشاشلا، زامان سەنئىتى ئالاھىدىلىكىگىمۇ ئىگە.
ئۇسسۇل باشقا سەنئەتلەرگە ئوخشىمايدۇ. ئۇ ئادەم ھەرىكىتىدىن ئىپادىلەش قورالى سۈپىتىدە پايدىلىنىدۇ ھەمدە زامان، ماكان ۋە ھەرىكەت كۈچ مىقدارىدىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ شەكلەن بەلگىسىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.