UyghurWiki
UyghurWikiئۇسسۇلدوستلۇق ئۇسسۇلى

دوستلۇق ئۇسسۇلى

ئۇسسۇل دوستلۇق ئۇسسۇلى كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرلىك ئىجتىمائىي ئالاقە ئۇسسۇلىدۇر. ئۇ كىشىلەر خىزمەت، ئەمگەك ۋە ئۆگىنىشتىن سىرتقى چاغلىرىدا نېرۋىسىنى ئارام ئالدۇرۇش، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تېتىكلىشىش، دوستلۇقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئوينايدىغان ساغلام ۋە ئالىيجاناب پەزىلەتكە ئىگە مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش شەكلى ھېسابلىنىدۇ. دوستلۇق ئۇسسۇلى20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پۈتكۈل دۇنياغا تارقالغان. خەلقئارادىكى بەزى دىپلوماتىيە سورۇنلىرىدىمۇ مۇراسىم خاراكتېرىدىكى دوستلۇق ئۇسسۇل يىغىلىشلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا، ئۇ خەلقئارالىق دوستلۇق ئۇسسۇلى ياكى خەلقئارالىق ئۆلچەملىك ئۇسسۇل دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دوستلۇق ئۇسسۇلىنىڭ ئاساسىي شەكلى ئەر - ئاياللار جۈپ بولۇپ ئۇسسۇل ئويناشتىن ئىبارەت. بۇ خىل ئۇسسۇل ئاساسەن ئۇسسۇل قەدىمى ۋە ئۇسسۇل مۇزىكىسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئۇدارى بويىچە ئوينىلىدۇ. ھالبۇكى، قاتناشقۇچىلار ئۇسسۇلنى ئىگىلەش دەرىجىسى، ياش ئالاھىدىلىكى ۋە خاراكتېرىگە ئاساسەن ئۇسسۇل قەدىمىنىڭ ئىختىيارىي بىرىكىشىنى ئۆزگەرتسىمۇ بولىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ، دوستلۇق ئۇسسۇلى ناھايىتى كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە. كىشىلەر دوستلۇق ئۇسسۇلىغا قاتنىشىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماستىن، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى زاتلار بىلەنمۇ ئۇچرىشالايدۇ. دېمەك، بۇ خىل ئۇسسۇل ئىجتىمائىي ئالاقە خاراكتېرىنىمۇ ئالغان بولىدۇ. دوستلۇق ئۇسسۇلى ئويناشتا يۈرۈش - تۇرۇشى مەدەنىي، ئەدەپ - قائىدىلىك بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، شۇنداقلا كۆرۈنۈشى سالاپەتلىك، كىشىلەرگە ئېستېتىكىلىق تەربىيە بېرىش رولىنى ئوينىيالايدىغان بولۇشمۇ تەكىتلىنىدۇ. دوستلۇق ئۇسسۇلىنىڭ ئاساسلىق ئۇسسۇل قەدىمى «بلۇس» (ئاستا تۆت قەدەم دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، «فوكستروت» («تېز تۆت قەدەم» ياكى «تۈلكە قەدەم ئۇسسۇلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، «ۋالىس» («ئۈچ قەدەملىك ئۇسسۇل» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ئۇسسۇل «تېز ئۈچ قەدەم» ۋە «ئاستا ئۈچ قەدەم» لەرگە بۆلۈنىدۇ)، «تانگو» ۋە «رومبا» لاردىن ئىبارەت. بۇ ئۇسسۇل قەدەملىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى خەلق ئۇسسۇلى ئاساسىدا پەيدىنپەي بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن. ئۈچ قەدەملىك ئۇسسۇل ۋالىسنىڭ شەكلى ئاۋسترىيىنىڭ دېھقانلار ئۇسسۇلى »دولقۇن ئۇسسۇلى« دىن كەلگەن. «تانگو» ئافرىقىنىڭ خەلق ئۇسسۇلىدىن كېلىپ چىققان. ئەينى چاغدا بىر پادىچى بالا بۇ خىل ئۇسسۇلنىڭ ئۇسسۇل قەدىمىنى ئاز - تولا يېڭىلىغان، كېيىنچە ئۇ ئوتلاقتا ئوينىلىدىغان بىر خىل تانگو ئۇسسۇلىغا ئايلانغان. بۇ ئۇسسۇل ئالدى بىلەن ئىسپانىيىگە كىرگەن، ئاندىن ئامېرىكا قىتئەسىگە تارقالغان. شۇ تەرزدە پەيدىنپەي ئۆزگىرىش ئارقىلىق پەيدا بولغان. «رومبا» لاتىن ئامېرىكىسىدىكى نېگىر خەلق ئۇسسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن بارلىققا كەلگەن. دەسلەپتە يەرلىك خەلقلەر بېشىغا ئېغىر نەرسىلەر ياكى سۇ كومزىكىنى ئالغان ھەرىكەتكە تەقلىد قىلىنغان. بۇنىڭدا بەلنىڭ يۇقىرىسى ۋە باش قىسمى تىك تۇتۇلىدۇ، بەل ئوق دەستىسى قىلىنىپ، بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ، قەدەم يۆتكىگەندە يانپاش سۆڭىكى ھەرىكەتلىنىدۇ، بىلەكلەر تەبىئىي ھالدا ئوڭ - سولغا تەۋرىنىدۇ. «بلۇس» نېگىرلارنىڭ «ماتەم مۇزىكىسى» دىن تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق پەيدا بولغان. شۇڭا، ئۇ ئاستا سۈرئەتتە، تەمكىن، ئېغىر - بېسىق ئوينىلىدۇ، ئۇسسۇل قەدىمىنىڭ ئۇسلۇبى تەكشى ۋە مەردانە بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇسسۇل