ئۇسسۇل
ئۇسسۇل
ئىنسانلارنىڭ قاچاندىن باشلاپ ئۇسسۇل ئوينىغانلىقى باشتىن - ئاياغ سىر بولۇپ كەلدى. چۈنكى، ئۇسسۇل ئادەم بەدىنى ئارقىلىق ئورۇندىلىدۇ. ئىنسانلار پەيدا بولغان دەسلەپكى چاغلاردا سىن ئېلىش، كىنوغا ئېلىش قاتارلىق خاتىرە قىلىپ ساقلايدىغان ئىلمىي ئۇسۇللار ئۇياقتا تۇرسۇن ھەتتا يېزىقمۇ كەشىپ قىلىنمىغانلىقتىن، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى خاتىرىلەش ئىمكانىيىتى بولمىغان. لېكىن، ياۋروپادا تارىختىن بۇرۇن ساقلانغان بەزى ئۆڭكۈرلەردىكى تام رەسىملىرىدە ئىپادىلەنگەن ئۇسسۇل ئوبرازلىرىدىن قارىغاندا، ئەينى دەۋردە ئۇسسۇل خېلى يۈكسەك دەرىجىدە راۋاجلانغان. شۇڭا، كۆپ سانلىق سەنئەت تارىخشۇناسلىرى ئۇسسۇل ئىنسانىيەت بىلەن تەڭلا مەيدانغا كەلگەن، دەپ قارىماقتا.
تىل ۋە يېزىق بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇن، ئىپتىدائىي ئادەملەر ئىدىيە، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۈشتە ئىنساننىڭ پسىخىكىلىق ۋە فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن زىچ باغلانغان ئادەم بەدىنى ھەرىكىتىگە تايانغان. ئادەم بەدىنىدىكى بۇ خىل »ئۈنسىز تىل« ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن قوللانغان مۇناسىۋەت ۋاسىتىسى، شۇنداقلا ئۇلار ئۆز بەدەن شەكلى ئارقىلىق ئىدىيە، ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن يېزىقسىز سەنئەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇسسۇل ئىنسانلار جەمئىيىتىدە ئەڭ بۇرۇن ئىجاد قىلىنغان سەنئەت شەكىللىرىنىڭ بىرى. شۇڭا، ئۇ پەخىرلىك ھالدا «سەنئەتنىڭ ئانىسى» دېيىلىدۇ.
ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە مەخسۇس ئۇسسۇلچىلار بولمىغان. ئۇنى كوللېكتىپ ئىجاد قىلغان ۋە ئورۇندىغان، ئۇنىڭغا قەبىلىنىڭ بارلىق ئەزالىرى قاتناشقان. ئەمگەك ھاسىلاتىنى تەبرىكلەش ياكى جەڭ غەلىبىسىگە تەنتەنە قىلىشتا بولسۇن، كۆپچىلىك توپلىنىپ ئۇسسۇل ئوينىغان. قەدىمكى رىۋايەتلەردە ئۇسسۇلغا ئالاقىدار نۇرغۇن ۋەقەلەر ھېكايە قىلىنغان. ئالايلۇق، «يۆلەنچۈك كەلدى» دېگەن رىۋايەتتە فۇشىشېنىڭ تور توقۇپ بېلىق تۇتۇشنى ئىجاد قىلغانلىقىغا مەدھىيە ئوقۇلغان، شۇنداقلا سۇمۇرغ كېلىپ ئۇنىڭ تۆھپىسىنى تەبرىكلىگەنلىكى بايان قىلىنغان. «چۇڭلې» دا ئىنسانلارنىڭ كۆپىيىپ ئەۋلاد قالدۇرۇشى ھەققىدە ھېكايە سۆزلەنگەن.1973
- يىلى كۈزدە ئېلىمىزنىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى بىر قەبرىدىن ئىچكى دىۋارىغا ئۇسسۇل شەكىللىرى سىزىلغان رەڭلىك ساپال قاچا تېپىلغان. ئۇنىڭ ئىچكى دىۋارىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ئۈچ گۇرۇپپا بولۇپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ئادەملەرنىڭ رەسىمى سىزىلغان. رەسىمدە ھەربىر گۇرۇپپىدا بىر خىل كىيىنگەن بەش ئادەمنىڭ قول تۇتۇشۇپ رەتلىك ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقى ئىپادىلەنگەن. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىلمىي باھالاپ بېكىتىشىچە، بۇ رەڭلىك ساپال قاچا يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدە، يەنى ئېلىمىز رىۋايەتلىرىدە تىلغا ئېلىنغان، بۇنىڭدىن5000 ~5800 يىل بۇرۇنقى يەندىدىن خۇاڭدىغىچە بولغان دەۋرگە مەنسۇپ ئىكەن. بۇنىڭدىن ئەينى زاماندا ئېلىمىزدە بىرلىككە كەلگەن ھەرىكەت، بىرلىككە كەلگەن قەدەمگە ئىگە كوللېكتىپ ئۇسسۇل بارلىققا كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.