پىستىرما ئۇرۇشى
ئۇرۇش بىلىملىرى
پىستىرما ئۇرۇشى ئارقىلىق ھەرىكەتتىكى دۈشمەنگە زەربە بـەرگـەنـدە، ئاز بەدەل بىلەن زور غەلىبىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
پىستىرما ئۇرۇشى، ئادەتتە، پىستىرما قويۇش ۋە پىستـىـرمـىغا باشلاش دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. پىستىرما قويۇشتا، دۈشـمـەننىڭ يولغا چىققان ئەسكىرىي كۈچى، ۋاقتى ۋە ئۆتىدىغان يوللىرى رازۋېـدكـا قىلىنغاندىن كېيىن، ئالدىن پىستىرما ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۇرسـەت كـۈتـۈپ دۈشمەننى يوقىتىشنى كۆرسىتىدۇ. پىستىرمىغا باشلاش ئاساسىي ھەربىي كـۈچنى ئەپلىك يەرگە مۆكتۈرۈپ، ئاندىن ئاز قىسىم ئارقىلـىـق دۈشمەننى ئالداپ قارماققا ئىلىندۇرۇپ، دۈشمەن پىستىرما دائىرىسىگە كىرگەنـدىـن كېيىن، قاتتىق زەربە بېرىشنى ياكى بىرەر نۇقتىغا يالغاندىن ھۇجۇم قىلىـپ، باشقا دۈشمەننى ياردەمگە كېلىشكە ئازدۇرۇپ، ياردەم بەرگۈچـى قـىسىمغا يول ئۈستىدە مۆكۈنۈپ زەربە بېرىشنى كۆرسىتىدۇ.
مۆكۈپ زەربە بېرىشتە، دۈشمەننى تېز سـۈرئەتتە تـولۇق يوقىتىش ئۈچۈن، دۈشمەننىڭ جـەڭگىۋار كـۈچـى ئازراق ترانسىپورت ئەترىتى، ئاپتوموبىلى، پويىزى، پاراخوت ئەترىتـى ۋە تارقاق ئەترەتلىرى ھەم ئاچلىق ۋە ھارغىنلىقتا قالغان جەڭگىۋار قىـسـىـملىرى ئاساسىي ئوبيېكت قىلىنىدۇ.
مۆكۈپ زەربە بېرىشكە دۈشمەن چـوقـۇم ئۆتىدىغان يول، ئەسكىرىي كۈچنى يوشۇرۇشقا ۋە ئوت كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشقا بولىدىغان، توساتتىن ئاتاكىغا ئۆتۈشكە، دۈشمەننى مۇھاسىـرىـگـە ئېلىش ۋە يوقىتىشقا، تېز يۆتكىلىشكە قۇلايلىق، ئەمما دۈشمەننىـڭ قـايـتـۇرمـا ھۇجۇمغا ئۆتۈشى ۋە مۇھاسىرىنى بۆسۈپ قېچىشىغا قۇلايسىز بولـغـان نـۇقتىلار تاللىنىدۇ.
پىستىرما ئۇرۇشىدا ھەرىكەت تېز ھەم يوشۇرۇن بولۇشى، خەۋەر قاتتىـق قامال قىلىنىشى، پىستىرما رايونىدىكى نىقابلىنىش يـاخـشـى ئىشلىنىشى كېرەك. پىستىرما ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلىشتا جانلىـق، كـەسكىن بولۇش، جەڭنى مۇۋاپىق پەيتتە باشلاش، ئوت كۈچىنـى تـۇيـۇقـسـىـز شىددەت بىلەن مەركەزلەشتۈرۈش، دۈشمەن تېڭىرقاپ تۇرغانـدا، شـىـددەت بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دۈشمەننى تېز ھەم تولۇق يوقىتىش كېرەك. كۈچلۈك دۈشمـەنگە دۇچ كېلىپ، جەڭنى تېز ئاياغلاشتۇرغىلى بولمىغاندا، ئوت كۈچى بىلـەن تالاپەت يەتكۈزگەندىن كېيىن، يوشۇرۇنۇش ھەم تېز يۆتكىلىش كېرەك.
پىستىرما ئۇرۇشىدا، شارائىت يول قويغان ئەھۋالدا، ئەسكىرىي كۈچنـى ياندىن زەربە بېرىش، توسۇپ زەربە بېرىش، ئارقىدىن زەربە بېرىـش قـاتـارلىق ئۈچ قىسىمغا ئايرىش، ياندىن ھۇجۇم قىلىشنى ئاساس قىلىپ، دۈشمەن قوشۇنىنىڭ ئالـدىـنـى توسۇش، بېلىنى ۋە ۋە قۇيرۇقىنى ئۈزۈش تاكتىكىسىنى قوللىـنـىـش لازىم.