UyghurWiki
UyghurWikiئۇرۇش بىلىملىرىئالەم ئۇرۇشى

ئالەم ئۇرۇشى

ئۇرۇش بىلىملىرى ئىنسانلار ئالەم تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ چەكسىز ئالـەم بـوشلۇقىغا كىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ھازىرلىـق مـۇسابىقىسىدە يېڭى ساھە پەيدا بولدى. كەلگۈسىدىكى ھەربىي توقۇنۇشتا ،تاشقى بوشلۇق قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋادىن باشقا تۆتىنچى جەڭ مەيدانىغا ئايلىنىشى مۇمكىن. تاشقى بوشلۇقتىكى ھەربىي قارشىلىشىش ئالەم ئۇرۇشى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ، تاشقى بوشلۇق ۋە ئۇنىـڭ يـەر يـۈزى، ھاۋا بىلەن بولغان ھۇجۇم - مۇداپىئە ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىـدۇ. ئالەم ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە قىلىشى - مەغلۇپ بولۇشىنى ئاساسەن ھەربىي ئالەم ئۈسكۈنىلىرىنىڭ سۈپىتى بەلگىلەيدۇ. بۇ تۈردىـكـى ياراغلارنى تەخمىنەن مۇنداق ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ: بىـرى، يـەر يـۈزىدىكى ھەربىي كۈچكە ياردەم بېرىدىغان سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسى، مەسىلەن، رازۋېدكا سۈنئىي ھەمراھى، ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش سۈنئىي ھەمـراھى، ھەربىي مېتېئورولوگىيە سۈنئىي ھەمـراھى، خـەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھى، يول باشلاش سۈنئىي ھەمراھى، ئورۇن ئۆلـچـەش سۈنئىي ھەمراھى، يەر يۈزىنى ئۆلچىگۈچى سۈنئىي ھەمـراھ قـاتـارلـىـقلار، بـۇ سۈنئىي ھەمراھلار ھازىرقى زامان ھەربىي كۈچىنىڭ كۆز - قۇلىقى ۋە نېرۋىسـى سۈپىتىدە يەر يۈزىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە بارغـانـسېـرى زور تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ؛ يەنە بىرى، دۈشمەننىڭ ئالەم بوشلۇقى ئۈسكـۈنىلىرىگە ھۇجۇم قىلىدىغان سۈنئىي ھەمراھقا قارشى سىستېما بولۇپ، سـۈنئىي ھەمراھقا قارشى سۈنئىي ھەمراھ ۋە تۈرلۈك بوشلۇق ئېنېرگىيە دەستىسى ياراغلىرى، مەسىلەن، لازېر دەستىسى، زەررىچە دەستىسى ياراغلىرى قاتـارلـىـقلارنـى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالەم ھەربىي ياراغلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىشلىتىـلـىشى بوشلۇقنى بازا قىلغان ھۇجۇم - مۇداپىئە مەسىلىسىنى كۈنـسـايـىـن گەۋدىلەندۈرىدۇ، كەلگۈسىدە يېڭى ئىستراتېگىيىلىك، تاكتىكىلىق جـەڭ قـىلىش پرىنسىپى ۋە ئۇسۇلى تەدرىجىي شەكىللىنىپلا قالماستىن، يەنە جەڭـگـە قوماندانلىق قىلىشتىن جەڭ كاپالىتىگىچىلىك مۇستەقىل تەشكىلىي سىستېمـا شەكىللىنىپ، يېڭى ئارمىيە تۈرى − ئالەم ئارمىيىسى بارلىققا كېلـىدۇ
← بارلىق تېمىلار ئۇرۇش بىلىملىرى
ئالەم ئۇرۇشى | UyghurWiki | UyghurWiki