ئېلېكترون ئۇرۇشى
ئۇرۇش بىلىملىرى
2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا، رادىئو ئېلېكترون ئۈسكۈنىلىرى ئارمىيـىـدە كـۆپلەپ ئىشلىتىلدى. ئىككى تەرەپ تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى كاردىن چىقاردى ياكى ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلەتتى، شۇنىڭ بىلـەن بىر ۋاقىتتا، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئۆزىنىڭ ئېلېكترون ئۈسكۈنىلـىـرىـنىـڭ نورمال خىزمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئېلېكترون ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى.
باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن، ئېلېـكـتـرون ئۇرۇشىدا يېتەكلەش ۋە يېتەكلەشكە قارشى مەزمۇنلار كـۆپەيدى ھەم بۇ قۇرۇقلۇق ئۇرۇشى، ھاۋا ئۇرۇشى ۋە دېڭىز ئۇرۇشىـدىـكـى قوماندانلىق، خەۋەرلىشىش، رازۋېدكا، نىقابلىنىـش، ھاۋا مـۇداپـىئەسـى، ھاۋا ھۇجۇمى، پاراخوت ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا زەربە بېرىش قاتارلىق جـەڭ ساھەلىرىگە سىڭىپ كىردى. ھازىر ئېلېكترون ئۇرۇشى ئالەم بوشلۇقىغا كېڭىيىپ، بوشلۇق ئوربىتىسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئېلـېـكـتـرونلۇق رازۋېدكا سۈنئىي ھەمراھلىرىغا تەتبىقلىنىپ، قارشى تـەرەپـنـىـڭ رادار، خەۋەرلىشىشكە دائىر ئاخباراتلىرى رازۋېدكا قىلىنىدىغان بولدى. ئامېرىكا قاتـارلـىـق دۆلەتلەر يەنە ئېلېكترونلۇق كاشىلا قىلىش سۈنئىي ھەمراھى، توســۇغۇچـى سـۈنئىـي ھەمراھ ۋە سۈنئىي ھەمراھقا قارشى سۈنئىي ھەمراھ، يەنە توسۇغۇچـى سـۈنئىي ھەمراھقا تاقابىل تۇرىدىغان يالغان سۈنئىي ھەمراھنى تەتقىـق قـىـلـىـپ ياساۋاتىدۇ.
ئېلېكترون ئۇرۇشىنىڭ دائىرىسى رادار ئارقىلىق قارشىلىـق كـۆرسـىتىش، رادىئو خەۋەرلىشىش ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىش، فوتو ئېلـېـكـتـر ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىش، سۇ ئاۋازى ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىـش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئېلېكترونـلـۇق رازۋېدكا قىلىش، كاشىلا سېلىش، يوقىتىش ۋە رازۋېدكا قىلىشقا، كاشىلا سېلىشقا، يوقىتىشقا قارشى تۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
رادىئو خەۋەرلىشىش ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىش ئېلېكـتـرون ئۇرۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇ دۈشمەنلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپ ئادەتـتـىـكـى رادىئو خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە مەخسۇس خەۋەرلىشىشكە قارشىلـىـق قىلىش ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىدىغان، رادىئو خەۋەرلىشىـش سـاھەسـىـدىـكـى ئېلېكتروماگنىت كۈرىشى. بۇ رادىئو خەۋەرلىشىشنى رازۋېدكا قىلىش، ئۇنىڭغا كـاشـىلا قىلىش ۋە رازۋېدكا قىلىشقا، كاشىلا قىلىشقا تاقابىل تۇرۇشنى ئۆز ئىچىـگـە ئالىدۇ.2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى گېرمانـىـيـە ئارمىيىسىنىڭ يىرىك ھەربىي گۇرۇپپىسىنى قورشىۋالىدۇ، سوۋېت ئىتتـىـپـاقىنىڭ خەۋەرلىشىشكە كاشىلا سېلىش قىسىملىرى قورشاۋدىكى گېرمانىيـە ئارمىيىسىنىڭ خەۋەرلىشىشىگە كۈچلۈك كاشىلا سالغاچقا، ئۇلارنىڭ گىتلېر باش قوماندانلىق شتابى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قېلىپ، ئاخىر ھەممىسى ئەسىرگە چۈشىدۇ.
ئېلېكترون ئۇرۇشى، ئەمەلىيەتتە، ئىككى تەرەپنىڭ پەن - تېخنىكا رىـقـابىتى بولۇپ، ئۇنى كۆرگىلى بولمايدۇ، بىراق، ھازىرقى زامان ئۇرۇشىـنىـڭ غەلىبە قىلىشى، مەغلۇپ بولۇشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھازىر دۇنيادىـكـى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئېلېكترونلۇق قارشىلىشىش قىسىملىرىنى كۆپەيـتـىـپ تـەسىس قىلىپ، ئېلېكترون ئۇرۇشى تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنى قۇردى، بـەزىـلـىرى يەنە باش قوماندانلىق شتابى ۋە ھەرقايسى قىسىم تۈرلىرىدە ئېلېكـترون ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلىش ئاپپاراتلىرىنى قۇردى.