فىزىكا ئۇرۇشى
ئۇرۇش بىلىملىرى
فىزىكا ئۇرۇشى ھازىرقى زامان گېئو فىزىكا تېخنىكىسىدىـن پـايدىلىنىپ، يەر تەۋرەش، دېڭىز تاشقىنى، قارا يامغۇر، قـويـۇق تـۇمـان، مـۆلدۈر، تاغ گۈمۈرلۈش، سىيرىلىپ كۆچۈش، لايلاتقا ئېقىنى قاتارلىـقلارنـى سۈنئىي پەيدا قىلىپ، تەبىئەتنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، مەلۇم ھەربىي مەقسەتكە يېتىدىغان ئۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
مەسىلەن، تۇمان، تۆۋەن بۇلۇت قاتلىمى ۋە چاقماق ئارقىـلـىـق ئاۋىئاتسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسەتكىلى بولىـدۇ؛ يـۇقـىـرى بوشلۇقتىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا قەۋىتىدىن پايدىلىنىپ، زەربە دولقۇنىنـىـڭ بۇزغۇنچىلىق دائىرىسىنى كېڭەيتكىلى بولىدۇ؛ ھۆل - يېغىندىن پايدىلـىـنـىـپ دەريا سۇلىرىنى تاشقۇزۇش، يوللارنى پاتقاقلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ماشىنىلاشقان قىسىملارنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدۇ؛ تەيفېڭ بـورىـنـىدىن پايدىلىنىپ دېڭىز ئۇرۇشى ۋە قۇرۇقلۇققا چىقىش، قۇرۇقلـۇقـقـا چىقىشقا تاقابىل تۇرۇش جەڭ ھەرىكەتلىرىگە توسالغۇلۇق قىلغىلى بولـىـدۇ.2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بەزى قىسىملار سوۋۇتۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلـىنىپ، »چۆكمەيدىغان مۇز پاراخوت«نى ياساپ چىققان؛ نۇرنىـڭ سـۇنـۇشـىدىن پايدىلىنىپ »سۈنئىي ئاي«نى شەكىللەندۈرۈپ، قىسىمنىڭ كېچىدە يـۈرۈشىگە ئاسانلىق تۇغدۇرغان.1943 - يىلى ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىتالىيىـنـىـڭ ۋولتاير دېڭىز قىرغىقىدا5 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا،6 .1 كىلومېتىر ئېگىزلـىـكتە تۇمان قەۋىتى شەكىللەندۈرۈپ، قىسىمنىڭ دەريادىن ئۆتۈشىنـى مـۇھاپـىزەت قىلغان. گېئو فىزىكىۋى ئۇرۇش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىـپ، قـارشى تەرەپنىڭ جانلىق كۈچى ۋە تېخنىكىلىق ھەربىي ياراغلىرىنى يـوقـاتـقـىلى، ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، سۈنئىي يـامـغـۇر يـاغدۇرغاندا، بۇلۇتقا يېڭى تىپتىكى خىمىيىۋى دورا چېچىۋېتىلسە، ياغقان يامـغـۇر كىسلاتالىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، قارشى تەرەپنىڭ رادار، تانـكـا، زەمبىرەك، ئاپتوموبىل ۋە قورال - ياراغ قاتارلىق تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىـلـىـرىـنـى چىرىتىدۇ؛ راكېتانى توشۇغۇچى قۇرۇلما قىلىپ، فرېئون يـاكـى ئازوت ئوكسىدلىرىنى15 −20 كىلومېتىر ئېگىزلىك ئارىلىقـىـدىـكـى تۆۋەن قويۇقلۇقتىكى ئوزون قاتلىمىغا چىقارغاندا، ئۇنىڭدا ۋاقىتلىق «كـامـار» پەيدا بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قۇياشنىڭ ئۇلترا بىنەپشە نۇرى بىۋاسـىـتـە يـەرگـە چۈشۈپ، قارشى تەرەپ توپلاشقان رايوندىكى ئاشكارا ئادەم ۋە جـىسىملارنى تالاپەتكە ئۇچرىتىدۇ. بەزىلەر ئاتموسفېرا قەۋىتىگە ئىسسىقلـىـق يـاكى نۇر سۈمۈرىدىغان ماددىلارنى قويۇپ بېرىپ، دۈشمەن رايونىنـىـڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسىدا جىددىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، قارشى تەرەپ قىسىملـىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاجىزلىتىدۇ. چاقماق چېقىشنى كونترول قىلغاندا، چـاقـمـاق ئىئونوسفېرادا تۆۋەن چاستوتىلىق ئېلېكتروماگنىت دولقۇنىـنـى ھاسىـل قـىلىپ، قارشى تەرەپتىكىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ۋە ھەرىكەت ئىقتىـدارى قـاتـارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.