UyghurWiki
UyghurWikiئۇرۇش بىلىملىرىخىمىيىۋى ئۇرۇش

خىمىيىۋى ئۇرۇش

ئۇرۇش بىلىملىرى 1915 - يىل4 - ئايدا، گېرمانىيە ئارمىيىسى بىلەن ئەنگلىيە - فرانسـىـيـە بىرلەشمە ئارمىيىسى بېلگىيىنىڭ ئىبور رايونىدا جەڭ قىلىدۇ، مەلۇم بىـر كـۈنى گېرمانىيىنىڭ بازىسىدا سېرىق رەڭدىكى تۈتۈن كۆتۈرۈلۈپ، ئەنگلىـيە، فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ بازىسىغا قاراپ ئۇچىدۇ. ئەنگلىيە - فرانسىيـە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى توساتتىن پەيدا بولغان غەلىتە بۇلۇت توپىغا قاراپ نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان، ناھايىتى تېزلا بەزىـلەر يۆتەلگەن، چۈشكۈرگەن، كۆزىدىن توختىماي ياش ئاققان، بەزىلەر نـەپىسى قىسىلىپ يىقىلغان، شۇ ھامان پاتپاراقچىلىق يۈز بەرگەن نۇرغۇن ئوفىـتسېر - ئەسكەرلەر قورال - ياراغ، زەمبىرەكلەرنى تاشلاپ، جەڭ مەيدانىدىن قاچـقان، گېرمانىيە ئارمىيىسى ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ بازىسـىنى بىراقلا ئىگىلىۋالغان. بۇ قېتىمقى خىمىيىۋى ئۇرۇشتا، ئەنگلىيە - فرانسىيـە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ15 مىڭ ئادىمى زەھەرلەنگەن، جۈملىـدىـن5000 ئادىمى ئۆلگەن. ئىبور رايونىدىكى خىمىيىۋى تۇيۇقسىز ھۇجۇم خىمىيىۋى ياراغنىڭ جەڭ مەيدانىدا تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلىشى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، خىمىيىۋى ئۇرۇشنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى كېڭەيگەن. سـتـاتـىـسـتـىكىلارغا ئاساسلانغاندا،1 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەر45 خىل زەھەرلىك ماددا ئىشلەتكەن، ئۇنىڭ ئېغىرلـىـقى125 مـىـڭ توننا بولۇپ،1 مىليون300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم خىمىيىۋى زەھەرلـىـك ماددىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان. خىمىيىۋى ياراغلارنىڭ ئادەمگە زىيىنى چوڭ بولغاچقا، دۇنيا خەلقى خىمىيىۋى ئۇرۇش خەلققە ئېـلـىـپ كەلگەن بالايىئاپەتنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى.1925 - يىلى جەنۋەدە خىمىيىۋى ياراغلارنى ئىشلىتىشنى چەكلەش خەلقئارا ئەھدىنامىسى ماقۇللاندى. بـىراق، بەزى دۆلەتلەر بۇ كېلىشىمگە ئىزچىل رىئايە قىلمىدى، بۇنىـڭ بـىـلـەن ئۇرۇشتا خىمىيىۋى گاز ئىشلىتىش ۋەقەلىرى ئۈزۈلمىدى، ئۇنىڭ ئۈستـىـگـە خىمىيىۋى ياراغلار ئۈچىنچى ئەۋلادقا تەرەققىي قىلدى.
← بارلىق تېمىلار ئۇرۇش بىلىملىرى