UyghurWiki
UyghurWikiئۇرۇش بىلىملىرىقۇشقاچ ئۇرۇشى

قۇشقاچ ئۇرۇشى

ئۇرۇش بىلىملىرى قۇشقاچ ئۇرۇشى − جۇڭگو خەلق ئەسكەرلىرى دائىم قوللىنىـدىـغـان ئاجىز كۈچ بىلەن كۈچلۈك دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغان پارتىزانلىق ئۇرۇش ئۇسۇلى. خەلق ئەسكەرلىرىدىن تەشكىللەنگەن جەڭ گۇرۇپپىلىرى گاھ كېـلـىـپ، گاھ كېتىپ، گاھ توپلىنىپ، گاھ تارقىلىپ، تەشەببـۇسـكـار ھەم جـانـلـىـق ئىش كۆرگەچكە، دۈشمەنگە ئويلىمىغان يەردىن زەربە بېرەلەيدۇ. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا ياپون باسقۇنچىلىرىغـا قـارشـى ئۇرۇش بازىلىرىدىكى خەلق ئەسكەرلىرى گاھىدا ئىككى - ئۈچتىن، گـاھىدا توپ بولۇپ، تاغ ۋە ئورمان، جىلغا ۋە تار يول ئېغىزلىرى، لەخمە، قـاراڭغۇ ئۆڭكۈر، قويۇق زىرائەتلىكلەردە، قۇشقاچ دانلىغانغا ئوخشاش، ئۇياقـتـىـن - بۇياقتىن شەپە بېرىپ، دۈشمەننىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقىـپ، پـۇرسـەتتىن پايدىلىنىپ، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇپ قاتىق زەربە بەرگـەن. ئۇلار دۈشـمـەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەندە دەرھال چېكىنىپ، ئىز - دېرەكسىز غـايـىـب بـولغان. دۈشمەن چېكىنگەندە گۈركىرەپ كېلىپ، تۇشمۇتۇشتىن ئوق ئاۋازى ئاڭلىنىپ، ھۇررا ساداسى دالىنى قاپلىغان. دۈشمەن ئاتاي دېسە ئاتالمايدىغـان، قـوغلاي دېسە قوغلىيالمايدىغان، گېلىدىن غىزا ئۆتمەيدىغان، كېچىسى ئۇخلىيـالـمـايـدىغان رەسۋا ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. قۇشقاچ ئۇرۇشىنىڭ مۇنداق ئۈچ خىل ۋاسىتىسى بار: بىرىنچـى، تـۇرۇشلۇق دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىش، زەربە بېرىش. خەلق ئەسكـەرلـىـرى يـەر شارائىتى ئۆزىگە تونۇشلۇق بولۇشتەك پايدىلىق پۇرسەتتىن پايدىـلـىـنـىـپ، دۈشمەننىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، ھەرىكەت قانۇنىـيـىـتـىـنـى ئىگىلەپ، ئۇلار تەييارلىقسىز تۇرغاندا تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. ئىـككىنچى، پىستىرما ئۇرۇشى. دۈشمەننىڭ چوقۇم ئۆتىدىغان يولىغا بۆكتـۈرمـە قويۇپ، بېشىغا زەربە بېرىپ، بېلىدىن كېسىپ، قۇيرۇقىنى ئۈزىدۇ يـاكى بىرقانچە ئادەم دۈشمەننى قاپقانغا دەسسىتىپ، تەڭ ئېـتـىـش، مـىـنـا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۈشمەننى كۆپلەپ يوقىتىدۇ. ئۈچىنچى، توسۇپ زەربە بېرىش. تارقاق يوشۇرۇنۇپ، پۇرسەتنى كۈتۈپ دۈشمەننى خۇپىيانە ئاتىـدۇ. خەلق ئەسكەرلىرى بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا، دۈشمەن تالاپەتكە ئۇچـرىسىمۇ، ئوقنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلەلمەيدۇ، قوشۇندىن ئايرىلىپ قـالغان، چۈشۈپ قالغان يالغۇز دۈشمەن ياكى ئاز ساندىكى دۈشمەنـلەر ۋە دۈشمەن بازىسىنىڭ ئەتراپىدىكى قاراۋۇل ۋە مۇھاپىزەتچىسى قاتارلـىـقلار خـەلـق ئەسكەرلىرىنىڭ قۇشقاچ ئۇرۇشىدىن پايدىلىنىپ تۇتىدىغان ۋە ئاتىدىغان ئوبيـېـكتى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇرۇش بىلىملىرى