بىرلەشمە مۇداپىئە ئۇرۇشى
ئۇرۇش بىلىملىرى
بىرلەشمە مۇداپىئە ئۇرۇشىنى جۇڭگودىكى خەلق ئەسكەرلـىـرى يـاپـون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىجاد قىلغان، ئەينى چاغدا ياپـون تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى خەلق ئۇرۇشىنىـڭ دېـڭـىـزىـغـا غـەرق بـولـۇپ، ھەر تەرەپتىن پەشۋا يېگەن.
بۇ ھەممىلا ئادەم ئەسكەر بولىدىغـان جـەڭ ئۇسۇلـى بولۇپ، بىر كەنتتە ۋەقە چىقسا، باشقا كەنتتىكىلەر ياردەم بېرىدۇ؛ بىر كەنتتـە جەڭ بولسا، ھەممە كەنتتىكىلـەر ئاۋاز قـوشـىـدۇ. ئۇنىڭدا ئالـدىن كېلىشىۋېلىنغان روشـەن بىرلەشمە مۇداپىئە دائىرىسى، ئورتاق رىئايە قىلىدىغان بىرلـەشـمـە مـۇداپـىئە ئەھدىسى، بىرلىككە كەلگەن بىرلەشمە مۇداپىئە قوماندانلىـق ئاپـپـاراتـى ۋە ئالاقىلىشىش سىگنالى بولىدۇ.
بىرلەشمە مۇداپىئە ئۇرۇشىنىڭ مەزمۇنـى، ئاساسـەن، مـۇنـداق تـۆت تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، بىرلەشـمـە مـۇداپـىئە مـۇھاپـىـزىـتـى. بۇنىڭدا، تەبىئىي يەر شەكلى شارائىتىـغـا ئاسـاسـەن، مـۇھاپىـزەت بـۆلـەكـلـىـرى ئايرىلىپ، بۆلەكلەردىكى قاراۋۇلخانىلارغا ھەر خىل ئالاقىلىشىش قوراللـىـرى سەپلىنىدۇ، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، بىر تۇتاش مەلۇمات بېرىـش سـىـگـنـالـى بېكىتىلىدۇ. ئىككىنچى، بىرلەشمە مۇداپىئە ئۇرۇشى. بۇنىڭدا، دۈشمەن مەلۇم كەنتـكـە بېسىپ كىرگەندە، دۈشمەننـىـڭ يـۈرۈش يـولـىـنـىـڭ ئىـكـكـى تـەرىـپـىـگـە مۆكۈۋالغان بىرلەشمە مۇداپىئە خەلق ئەسكەرلىرى ئەسلىدىكى پىلان بويىچـە ياكى شۇ چاغدىكى كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن، تەشەببۇسكارلىـق بـىـلـەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، دۈشـمـەنـنـى تـۇتـۇپ تـۇرىـدۇ، ئەدەپلەيدۇ ۋە يوقىتىدۇ. ئۈچىنـچـى، بـىـرلەشـمـە مـۇداپـىئە بۇزغۇنچىلىقى. بۇنىڭدا، ھەرقايسى كەنتلەردىكى خەلق ئەسـكـەرلـىـرى بـىـر تـۇتـاش قوماندانلىق ئارقىسىدا، دۈشمەننىڭ قاتناش، خەۋەرلىشىـش لـىـنـىـيـىـسـى ۋە ھەربىي ئەسلىھەلىرىگە پىلانلىق بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. تۆتىنچى، بىـرلەشـمە مۇداپىئە مۇھاسىرىسى. بۇنىڭدا، مەلۇم تەنھا دۈشمەن بازىسىنـى يـوقـىـتـىـش ئۈچـۈن، خەلق ئەسكەرلىرى يۇقىرىنىڭ مۇددىئاسىغا ئاساسەن، دۈشمەن بـازىـسىـنـى قاتمۇقات مۇھاسىرىگە ئېلىپ، «ئىشىكنـى تـاقـاپ ئىـت ئۇرۇش» ئۇسـۇلـى بويىچە دۈشمەننى تەلتۆكۈس يوقىتىدۇ.