UyghurWiki
UyghurWikiئۇچقۇلارئاي كېمىسى ۋە ئاي ئاپتوموبىلى

ئاي كېمىسى ۋە ئاي ئاپتوموبىلى

ئۇچقۇلار 1969- يىل7 - ئاينىڭ21 - كۈنى ئامېرىكىلىق ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى ئولتۇرغان «ئاپوللوⅪ » ناملىق ئالەم كېمىسى ئايغا قونغاندا، ئاي كېمىسى ۋە ئاي ئاپتوموبىلى (لونو خود) ئىشلەتكەن. ئاي كېمىسى «ئاپوللو» ئۇچار كېمىگە قاچىلانغان بولۇپ، ئالەم كېمىسىنىڭ بالا كېمىسى بولغان. توشۇغۇچى راكېتا ئاي ئوربىتىسىغا ئېلىپ چىققان «ئاپوللو» ئالەم كېمىسى چۈشىدىغان يەرنىڭ شەكلىنى تەپسىلىي كۆزىتىپ، ئايغا قونۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاندىن ئاي كېمىسىنى قويۇپ بەرگەن، ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئۇنى ھەيدەپ ئايغا قونغان. ئاي كېمىسى ئايغا قونغاندىن كېيىن، بۆلمىنىڭ ئىشىكىدىن بىر شوتا چىققان. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى شوتىدىن مېڭىپ، ئاي كېمىسىدىن چۈشۈپ ئاي يېرىگە دەسسىگەن. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئايدا ئالەم كىيىمى، بېشىغا دۇبۇلغا، پۇتىغا يۈرۈش ئۆتۈك كىيگەن، ئۆشنىسىگە يەنە سومكا ئېسىۋالغان. بۇ سومكىغا ئالەم ئۇچقۇچىسى نەپەس ئالىدىغان ئوكسىگېن، ئالەم كىيىمى ئىچىدىكى تېمپېراتورا ۋە بېسىمنى تەڭشەيدىغان ئۈسكۈنىلەر قاچىلانغان. نەتىجىدە ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ ئېغىرلىقى150 كىلوگرامغا يەتتى. ئەمما، ئاينىڭ تارتىشى يەر شارىدىن كىچىك بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئايدىكى ئېغىرلىقى30 كىلوگراممۇ كەلمىدى، پۇتىنىڭ يەرگە سۈركىلىش كۈچى كىچىك، ئېغىرلىق مەركىزى كەينىگە چۈشىدىغانلىقتىن، كىشى ئايدا ماڭغاندا ئوڭايلا ئوڭدىسىغا يىقىلىدۇ. شۇڭا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى پۇتلىرىنى جۈپلەپ سەكرەپ ماڭدى. ئايدا ھەرىكەت قىلىش ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلەشكە قۇلاي بولسۇن ئۈچۈن، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يەر شارىدىن بىر ئاي ئاپتوموبىلى ئالغاچ چىققان. بۇ ئاپتوموبىل ئىككى ئادەمنى ئېلىپ ئايدا ماڭالايدۇ، يەنە چېكىنەلەيدۇ، ئايلىنالايدۇ، دۆڭگە چىقالايدۇ، سۈرئىتى ۋېلىسىپىتتىن تېز. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئاي ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ، ئاي كېمىسىدىن بىرنەچچە كىلومېتىر يىراق يەرلەرگىچە بېرىپ، نەق مەيداندا تەكشۈردى، ئەۋرىشكە يىغدى؛ يەنە رادىئو ئارقىلىق ئانا كېمىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىلەن ئۈزلۈكسىز ئالاقە قىلىپ تۇردى. تەكشۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئاي كېمىسى ئايدىن ئۇچۇپ، ئانا كېمە بىلەن چېتىلدى. ئايغا چىققان ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئۇچار كېمىنىڭ قوماندانلىق بۆلمىسىگە قايتىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئاي كېمىسى ئانا كېمىدىن ئاجراپ، ئايغا قايتىپ كەتتى. بۇ چاغدا ئۇچار كېمىدىكى راكېتا ئوت ئېلىپ كەينىگە قاراپ ئۇچتى، ئاتموسفېرا قەۋىتىگە يېقىنلاشقاندا، ئۇچار كېمىنىڭ قوماندانلىق بۆلمىسى راكېتادىن ئاجرالدى، قوماندانلىق بۆلمىسى يەر شارى ئاتموسفېرا قەۋىتىگە كىرىپ، تىنچ ئوكيانغا چۈشتى ۋە شۇ يەردىن سۈزۈۋېلىندى.
← بارلىق تېمىلار ئۇچقۇلار