UyghurWiki
UyghurWikiئۇچقۇلارلازېرلىق راكېتا ۋە ئېلېكترلىك راكېتا

لازېرلىق راكېتا ۋە ئېلېكترلىك راكېتا

ئۇچقۇلار ھازىرقى راكېتالارنىڭ ھەممىسى خىمىيىلىك راكېتا بولۇپ، ئۆزى ھەم يېقىلغۇنى، ھەم ئوكسىدلىغۇچى رېئاگېنتنى ئېلىپ يۈرىدۇ. يېقىلغۇلارنىڭ ئېغىرلىقى قۇرۇق راكېتا ئېغىرلىقىنىڭ10 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. لازېرلىق راكېتا لازېر نۇرى تەمىنلىگەن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن ماڭىدۇ، گەۋدىسى كىچىك بولغىنى بىلەن، تېخىمۇ چوڭ ۋە ئېغىر سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئۇچار كېمىنى توشۇيالايدۇ. لازېرلىق راكېتا ئادەتتە ئۈزۈلمەس تىپلىق ۋە ئىمپۇلس تىپلىق دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. لازېر نۇرى يەر يۈزىدىكى لازېر پونكىتى ياكى بوشلۇقتىكى لازېرلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك سۈنئىي ھەمراھ تەرىپىدىن تەمىنلىنىدۇ، بىر يۈرۈش قۇرۇلما ئارقىلىق، قول چىرىغىغا ئوخشاش، لازېر دەستىسى راكېتا ماتورىنىڭ يېنىش كامېراسىغا چۈشۈرۈلۈپ، ئىتتىرگۈچنى (پروپېللانتنى) قىزىتىپ، جىددىي كېڭەيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۇقىرى ھارارەت - يۇقىرى بېسىملىق يېقىلغۇ گاز ئېقىمى شەكىللىنىپ، غايەت يۇقىرى تېزلىكتە پۈركىلىپ، غايەت زور ئىتتىرىش كۈچى پەيدا بولۇپ، سۈنئىي ھەمراھ ياكى ئۇچار كېمىنى ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقىدۇ. لازېرلىق راكېتا ئالەم قاتناش ۋاسىتىلىرىنى توشۇغۇچى قورال بولۇپلا قالماي، «ھەممىگە قادىر» لىقى بىلەن، لازېردىن پايدىلىنىپ خەۋەرلىشىش، قوماندانلىق قىلىش ۋە يول باشلاش ئىشلىرىنى بېجىرەلەيدۇ. ئېلېكترلىك راكېتانىڭ خىمىيىلىك راكېتاغا ئوخشاش ھەيۋەت «قامىتى» يوق بولۇپلا قالماي، كۆرۈنۈشى كىچىككىنە ئېلېكترونلۇق سايمانغىلا ئوخشايدۇ. ئۇ لازېرلىق راكېتاغا ئوخشاش ئازغىنە ئىتتىرگۈچ خۇرۇچ ئېلىۋالىدۇ، تاشقى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئىتتىرگۈچ خۇرۇچ تېزلىنىش ئېلىپ پۈركىلىپ، ئىتتىرىش كۈچى ھاسىل قىلىدۇ. ئېلېكترلىك راكېتا ئېلېكتر ئېنېرگىيىلىك تېزلىنىش ئېلىش ئىتتىرگۈچ خۇرۇچىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، توك بىلەن قىزىتىش شەكىللىك، ئېلېكتر ستاتىك شەكىللىك ۋە ئېلېكتر ماگنىت شەكىللىك دەپ ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ. ئېلېكترلىك راكېتا ھەر سېكۇنتتا پۈركۈيدىغان ماددىنىڭ ماسسىسى ئىنتايىن ئاز، ھاسىل بولىدىغان ئىتتىرىش كۈچىمۇ پەۋقۇلئاددە ئاجىز بولىدۇ. ئادەتتە ئاران نەچچە ئون مىللىگرامدىن نەچچە گرامغىچە بولۇپ، راكېتانىڭ ئۆز ئېغىرلىقىنىڭ مىڭدىن بىرىگە يەتمەيدۇ. ئۇنىڭ كۈچى ئاجىز بولغىنى بىلەن، رولى تولىمۇ چوڭ. ئالەم قاتناش ۋاسىتىلىرى ئېغىرلىقىنى يوقاتقان ئالەم بوشلۇقىدا ھاۋانىڭ قارشىلىقى بولمىغانلىقتىن، كىچىككىنە ئىتتىرىش كۈچىمۇ ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرەلەيدۇ ياكى ئايلاندۇرالايدۇ. سۈنئىي ھەمراھ ياكى ئۇچار كېمە بوشلۇقتا قۇياش ۋە ئاينىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرى بىلەن ھەمىشە ھەرىكەت ئوربىتىسىنى ئۆزگەرتىدۇ، ھەتتا گاھ ئۇياققا ئۇچسا، گاھ بۇياققا ئۇچۇپ تۇراقلىشالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىملار بۇ ئالەم قاتناش ۋاسىتىلىرىگە نۇرغۇن ئېلېكترلىك راكېتا ئورنىتىپ قويىدۇ. قەيەردە ئېغىش يۈز بەرسە، شۇ يەردىكى ئېلېكترلىك راكېتا ئوت ئېلىپ، ئالەم قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ نورمال ھالىتىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇچقۇلار