ھازىرقى زامان يولۇچىلار ئايروپىلانى
ئۇچقۇلار
سۈرئىتى تېز، قەرەلىدە ئۇچۇش ئۈنۈمى يۇقىرى، ماي سەرپىياتى تۆۋەن، بېلىتى ئەرزان بىر خىل چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى بار، كىشىلەر ئۇنى »ھاۋادىكى ئاپتوبۇس« دەپ ئاتىشىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى، مۇنداق ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغاندەك قۇلايلىق دېگەنلىكتۇر.
ئادەتتىكى رېئاكتىپ ئايروپىلانلار ئاۋازدىن تېز ئۇچىدۇ، بىراق، ماي سەرپىياتى يۇقىرى. پىرقىرىغۇچلۇق ئايروپىلانلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى800 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، ئەمما، ماي تېجەيدۇ. بىرەيلەن رېئاكتىپ ماتورنىڭ ئايلانما ئوقىنىڭ ئالدىغا قاناتلىق پىرقىرىغۇچ (ياكى شامالدۇرغۇچ دەپ ئاتىلىدۇ) ئورنىتىپ، تۇربىنا شامالدۇرغۇچلۇق رېئاكتىپ ماتورغا ئايلاندۇردى. مۇنداق ماتورنىڭ ھەم شامالدۇرغۇچ ھاسىل قىلىدىغان ئىتتىرىش كۈچى، ھەم گاز پۈركۈشتىن ھاسىل بولىدىغان ئىتتىرىش كۈچى بولىدۇ. ھاۋادىكى ئاپتوبۇس دەپ ئاتىلىدىغان يولۇچىلار ئايروپىلانىغا مۇشۇنداق ماتور ئورنىتىلغان بولۇپ، شامالدۇرغۇچ قىسمى بىلەن رېئاكتىپ (گاز پۈركۈش) قىسمىنىڭ نىسبىتى ماسلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، نوقۇل رېئاكتىپ ماتورلۇق ئايروپىلانغا قارىغاندا ھەر كىلوگرام ئىتتىرىش كۈچى ھەر سائەتتە سەرپ قىلىدىغان ماينىڭ يېرىمى تېجىلىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ سۈرئىتى تېز بولۇپلا قالماي، يېقىلغۇمۇ تېجەيدۇ.
مۇنداق ئايروپىلاننىڭ يەنە نۇرغۇن ئىقتىدارى بار. مەسىلەن، غەربىي ياۋروپادىكى سانائەتلەشكەن دۆلەتلەر بىرلىشىپ ئىشلەپچىقارغان301 − A ھاۋادىكى ئاپتوبۇس شەكىللىك يولۇچىلار ئايروپىلانىغا يېڭى بىر خىل ئايروپىلان قانىتى ئىشلىتىلگەن. ئەسلىدە ئايروپىلان تېزلىكى سائىتىگە800 ~900 كىلومېتىرغا يەتكەندە، قانات ئۈستىدە بىر خىل »سوقما دولقۇن« پەيدا بولۇپ، ئايروپىلاننىڭ قارشىلىقىنى تېز ئۆرلىتىۋېتىدۇ. مۇنداق يېڭى قانات ئىشلىتىلگەندە، ئايروپىلاننىڭ سائەتلىك سۈرئىتى950 كىلومېتىردىن ئاشقاندىلا ئاندىن قانىتى ئۈستىدە سوقما دولقۇن پەيدا بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ھاۋادىكى ئاپتوبۇسنىڭ »تېز«لىك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلغىلى بولىدۇ.
ھاۋادىكى ئاپتوبۇسنىڭ گەۋدىسى كەڭ بولۇپ، ئايروپىلان بۆلمىسىدىكى ئورۇندۇقلارنىڭ ئارىلىقى چوڭ، ئايروپىلان ئىچىدىكى شاۋقۇنمۇ تىزگىنلەنگەن، شۇڭلاشقا، يولۇچىلار تولىمۇ ئازادە ھېس قىلىدۇ.
مۇنداق ئايروپىلانغا يەنە مۇكەممەل رادىئولۇق يول باشلاش ۋە قونۇش ئەسلىھەلىرى ئورنىتىلغان، ئايرودرومدىكى ھاۋا رايى تولا ناچار بولمىسىلا، ۋاقتىدا ئۇچۇپ قونالايدۇ.