سۇ ئۈستى ئايروپىلانى
ئۇچقۇلار
سۇ ئۈستى ئايروپىلانى «ئۇچار كېمە» نىڭ ئىلھامى بىلەن ياسالغان.20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا فرانسىيىدە كېمىچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ھىندى فابېر ئاتلىق بىر ياش كېمىدە قانات بولسا، دېڭىزدا بوران - چاپقۇنغا يولۇقسىمۇ خەتەر بولمايتتى، دەپ ئويلاپ قالىدۇ. ئۇ1910 - يىل3 - ئاينىڭ28 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆزى ياسىغان «ئۇچار كېمە» سىنى مارسېل پورتىدا سىناپ ئۇچۇرۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. بۇ، دۇنيادىكى تۇنجى سۇ ئۈستى ئايروپىلانى ھېسابلىنىدۇ.
سۇ ئۈستى ئايروپىلانى يەر ئۈستى ئايروپىلانىغا ئوخشاش گەۋدە، قانات، ماتور، باشقۇرۇش قۇرۇلمىسى ۋە شاسسىدىن ئىبارەت بەش ئاساسىي قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. سۇ ئۈستىدە يۈرۈش ۋە ئۇچۇپ - قونۇشقا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، سۇ ئۈستى ئايروپىلانىنىڭ گەۋدىسى كاتېرغا ئوخشاش ياسالغاچقا، كىشىلەر ئۇنى كېمە گەۋدىلىك سۇ ئۈستى ئايروپىلانى دەپ ئاتايدۇ. يەنە بىر خىل لەيلىمە پۇت شەكىللىك سۇ ئۈستى ئايروپىلانى بار. ئۇنىڭ قاناتلىرىنىڭ ئاستىدا ئۆردەك پۇتىغا ئوخشاش بىر جۈپ لەيلىمە پۇتى بولىدۇ، بۇ پۇتلار سۇ ئۈستى ئايروپىلانىنىڭ سۇ يۈزىگە مۇقىم قونۇشىغا، بوران - چاپقۇندا تولا قىڭغىيىپ كەتمەسلىكىگە ياردەم بېرىدۇ. سۇ ئۈستى ئايروپىلانىنىڭ قانىتى كەڭ، كۆپىنچىسى ئايروپىلان گەۋدىسىنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلغان بولۇپ، ئىككى يانغا كېرىلىپ تۇرىدۇ. ماتورى پىرقىرىغۇچلۇق بولۇپ، سۇنىڭ ئۇرۇلۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سۇ يۈزىدىن يىراق قانات ياكى گەۋدىسىنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلىدۇ. كېمە شەكىللىك ياكى لەيلىمە پۇت شەكىللىك سۇ ئۈستى ئايروپىلانىغا ئېچىلىپ - يېپىلىدىغان شاسسى ئورنىتىلغان، بۇنىڭ بىلەن ئايروپىلان قۇرۇقلۇقتىمۇ، سۇدىمۇ ئۇچۇپ چۈشەلەيدىغان قوش ماكانلىق ئايروپىلانغا ئايلاندۇرۇلغان.
قۇرۇقلۇق ئايروپىلانىغا ئوخشىمايدىغان يېرى، سۇ ئۈستى ئايروپىلانىنىڭ ئىچى ھىم توسۇق تام ئارقىلىق بىرقانچە بۆلمىگە بۆلۈنگەن. ناۋادا بىرەر بۆلمىگە سۇ كىرىپ كەتسە، بۇ بۆلمىنىڭ ئىشىكى تاقىلىپ، باشقا بۆلمىلىرىگە سۇ كىرىپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ، ئايروپىلان چۆكۈپ كەتمەيدۇ.
سۇ ئۈستى ئايروپىلانى دېڭىزدا چارلاش، سۇ ئاستى كېمىسىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش، مىنا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە دېڭىزدا قۇتقۇزۇش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنى يەنە قار، مۇز، پاتقاق، ئوتلاقلاردا ئۇچۇپ قونىدىغان ئايروپىلان ئورنىدا قاتناش، بېلىقچىلىق، ياردەم بېرىش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش قاتارلىق ئىشلاردىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.