UyghurWiki
UyghurWikiئۇچقۇلارتىك ئۇچار

تىك ئۇچار

ئۇچقۇلار 1937 - يىلى ئايال ئۇچقۇچى لاتىسى بېرلىندىكى بىر كۆزگەزمىدە ئەڭ دەسلەپكى تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ھەيدەپ، يۇقىرىغا تىك كۆتۈرۈلۈپ، كۆكتە بىردەم تۇرغاندىن كېيىن، ئاستا - ئاستا ئۇچتى ... ئاخىرىدا يەرگە تىك قوندى. بىر پېشقەدەم ئۇچقۇچى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ: «كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، ئالەمدە مۇنداقمۇ ئايروپىلان بولىدىكەن!» دېدى. ھازىرقى تىك ئۇچارلارنىڭ كۆپ قىسمى يەككە قانات چاقپەلەكلىك بولۇپ، ئۈستىدىكى چاقپەلەك قاناتلىرى قىلىچقا، ئاستىدىكى ئايروپىلان بۆلمىسى سەرەتانغا، ئۇزۇن قۇيرۇقى يىڭناغۇچقا ئوخشايدۇ. پىرقىرىما قاناتنىڭ ھەربىر قانىتى بالىلارنىڭ ئويۇنچۇق يىڭناغۇچنىڭ قانىتىغا ئوخشايدۇ. ماتور پىرقىرىما قاناتنى ئايلاندۇرغاندا، خۇددى ئويۇنچۇق يىڭناغۇچنى ئالىقاندا يىمىرىپ قويۇپ بەرگەنگە ئوخشاش، يۇقىرىغا ئۆرلەش كۈچى ھاسىل بولىدۇ. ئومۇمىي ئۆرلەش كۈچى ئايروپىلاننىڭ ئېغىرلىقىدىن چوڭ بولغاندا، ئايروپىلان يۇقىرىغا تىك ئۆرلەيدۇ؛ ئۆرلەش كۈچى ئېغىرلىق كۈچىگە تەڭ بولغاندا، ئايروپىلان ھاۋادا توختايدۇ؛ ئۆرلەش كۈچى ئېغىرلىق كۈچىدىن كىچىك بولغاندا، ئايروپىلان تىك تۆۋەنلەيدۇ. يەككە پىرقىرىما قاناتلىق تىك ئۇچارنىڭ ئۇزۇن قۇيرۇقى بولىدۇ، ئۇچى ئۈستىگە ئېگىلىپ تۇرىدۇ، ئۈستىگە قۇيرۇق پىرقىرىغۇچى (قۇيرۇق روتور) دەپ ئاتىلىدىغان پىرقىرىغۇچ ئورنىتىلغان. ئۇ ئادەتتىكى ئايروپىلانلارنىڭ پىرقىرغۇچىغا ئوخشاش تارتىش كۈچى ھاسىل قىلىپ، تىك ئۇچارنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، يەنە رولنىڭ ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەيدۇ.20 - ئەسىرنىڭ30 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا ھەقىقىي مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغان تىك ئۇچار ياسالدى. ئۇ ئۇچىدىغان - قونىدىغان يەر تاللىمايدۇ، ئۇچما تاغ چوققىسى، تىرەن جىلغا، ئورمان ۋە دېڭىز ساھىللىرىدا ئۇچۇپ قونالايدۇ. شۇڭلاشقا، ھەربىي ئىشلار ۋە خەلق ئىگىلىكىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدا كەڭ قوللىنىلىدۇ. ھازىرقى تىك ئۇچارلارنىڭ شەكلى خىلمۇخىل، دۇنيادا60 تىن ئارتۇق تۈرى بار. ئۇ ھاۋا ترانسپورتى ماھىرى، پويىز، ئاپتوموبىل بارالمايدىغان يەرلەرگە خادىم ۋە ماددىي ئەشيا يەتكۈزۈشتە ئۇ «ھاۋادىكى ئاپتوموبىل» بولالايدۇ. ئۇ يەنە «ئۇچار كران» بولۇپ، ئېغىر تانكا، زەمبىرەكلەرنى، كرانلارنىڭ كۆتۈرۈشى تەس بولغان زاۋۇت پارقازىنى ۋە تېلېۋىزىيە مۇنارلىرىنى يۆتكىيەلەيدۇ. تىك ئۇچار تېببىي قۇتقۇزۇش، زىرائەتلەرگە دورا چېچىش، كان تەكشۈرۈش، دېڭىز خەرىتىسىنى سىزىش قاتارلىق خىزمەتلەردىمۇ ئۆز كارامىتىنى نامايان قىلالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇچقۇلار