تاشقى پلانېتىلارنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى
ئۇچقۇلار
ئىنسانلار تاشقى پلانېتىلارنىڭ مېتېئورولوگيىسى، گېئولوگىيىسى ۋە ھاياتلىق پائالىيەت ئەھۋاللىرىنى بىلىش ئۈچۈن، ھامان ئاۋۋال جانسىز ئەسۋابلارنى ئەۋەتىپ تەكشۈرىدۇ، مۇنداق قۇرۇلمىلار تاشقى پلانېتىلارنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى دېيىلىدۇ.
تاشقى پلانېتىلارنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئەۋەتىلىدىغان پلانېتا ۋە تەكشۈرۈش پىلانىغا ئاساسەن لايىھىلىنىدۇ. ئۇ ئادەتتە ئوربىتا ئۇچقۇسى ۋە لاندېر (قونۇش ئەسۋابى)دىن تەركىب تاپىدۇ. ئوربىتا ئۇچقۇسى قونۇش ئەسۋابىنى يەر شارى ئوربىتىسىدىن تاشقى پلانېتا ئوربىتىسىغا ئېلىپ چىقىشقا ۋە قونۇش ئەسۋابى ئۆلچىگەن ئۇچۇرلارنى يەر شارىغا يوللاشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ قونۇش ئەسۋابى پلانېتىنىڭ سىرتىنى كونكرېت تەكشۈرۈشكە مەسئۇل، ئىككىلىسىدە ئىتتىرىش قۇرۇلمىسى بولىدۇ.
تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئالەم ئايروپىلانىغا ياكى توشۇغۇچى راكېتاغا «ئولتۇرۇپ» يەر شارى ئوربىتىسىغا كىرىدۇ، ئۇ يەردە ئوربىتىسىنى توغرىلاپ، راكېتا ماتورىنى ئوت ئالدۇرۇپ، تاشقى پلانېتا ئوربىتىسىغا ئۇچىدۇ. راكېتا ماتورى ئاجرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، تەكشۈرۈش ئەسۋابى دەرھال قۇياش باتارېيە تاختىسى ۋە ئانتېننىسىنى يېيىپ، سەزگۈر ئەسۋابنىڭ ياردىمىدە ھالىتىنى كونترول قىلىدۇ. تەكشۈرۈش ئەسۋابى بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا كىرىپ بولغان ھامان ئىتتىرىش قۇرۇلمىسى ھەرىكەتكە كېلىدۇ.
لاندېر (قونۇش ئەسۋابى) ئوربىتا ئۇچقۇسىنىڭ ئېلىپ يۈرۈشى بىلەن پلانېتىلار ئارا ئۇچۇش يولىدا ئۇچىدۇ. بىراق، ئۇ تاشقى پلانېتىغا سوقۇلۇشتىن ئىككى سوتكا بۇرۇن ئوربىتا ئۇچقۇسىدىن ئايرىلىپ ئۆز ئالدىغا ئۇچىدۇ. ئوربىتا ئۇچقۇسى بولسا ئىتتىرگۈچنى تەڭشەپ، قونۇش ئەسۋابىنىڭ ئوربىتىسىغا ماس قەدەمداش ئوربىتىغا كىرىپ، ئۆزىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە قونۇش ئەسۋابىنىڭ رادىئۇسىنىڭ قاپلاش دائىرىسى ئىچىدە تۇرغۇزۇپ، قونۇش ئەسۋابىدىن كەلگەن ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىش ۋە يەر يۈزىگە يوللاشقا تەييارلىنىدۇ.
قونۇش ئەسۋابى ئىتتىرگۈچ پلانېتىغا قارىتىپ پۈركىگەن گاز ھاسىل قىلغان ئەكس تەسىر كۈچىنىڭ ياردىمىدە جىددىي ئاستىلاپ، بەلگىلەنگەن ئورۇنغا كەلگەندە پاراشۇتنى ئېچىپ، تاشقى پلانېتىغا ئاستا - ئاستا قونىدۇ.
قونۇش ئەسۋابى تاشقى پلانېتىدا ماڭالايدىغان ماشىنا ئادەمدۇر. تېلېكامېرا ئۇنىڭ كۆزى بولۇپ، ئۆپچۆرىسىنىڭ گولوگراممىلىرىنى تارتىپ، ئوربىتا ئۇچقۇسى ئارقىلىق يەر يۈزىگە يوللاپ بېرىدۇ. بۇرغىلاش قۇرۇلمىسى ئۇنىڭ قولى بولۇپ، تۇپراق قاتلىمىغا ئىچكىرىلەپ كىرەلەيدۇ، تاشلارنى چىڭ سىقىمدىيالايدۇ، توپا ئەۋرىشكىلىرىنى ئالالايدۇ. يىغىلغان ئەۋرىشكىلەر يوللاش تۇرۇبىسىغا ئاپتوماتىك نىقتاپ قاچىلىنىپ ھىم بۆلمىگە ئاپىرىلىپ، X نۇرلۇق يالتىراق ئېكرانلىق ئانالىزاتوردا تەھلىل قىلىنىدۇ. نەتىجىسى ئوربىتا ئۇچقۇسى ئارقىلىق يەر يۈزىگە ئاپتوماتىك يوللىنىدۇ.