UyghurWiki
UyghurWikiئۇچقۇلارئادەملىك ئۇچار كېمە

ئادەملىك ئۇچار كېمە

ئۇچقۇلار ئادەم چۈشمەيدىغان يەر شارى سۈنئىي ھەمراھىنى ئۆزگەرتىپ بىرنەچچە ئادەم چۈشكىلى بولىدىغان قىلىپ چوڭايتىپ، ئاندىن ھاياتلىقنى ساقلايدىغان سىستېما ۋە باشقا زۆرۈر ئەسلىھەرلەر سەپلەنسە، ئادەم چۈشىدىغان يەر شارى ئوربىتىسى ئۇچار كېمىسى بولىدۇ. ئەگەر ئۇچار كېمىنىڭ تېزلىكى ئىككىنچى ئالەم تېزلىكى kes/mk2 .11 غا يەتكۈزۈلسە، ئۇ يەر شارى ئوربىتىسىدىن ئايرىلىپ ئايغا ئۇچۇپ، ئايغا قونىدىغان ئۇچار كېمە بولىدۇ. ئادەملىك ئۇچار كېمە ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئولتۇرىدىغان ھىم بۆلمە ۋە مۇلازىمەت بۆلمىسى (بەزىلىرى ئەسلىھەلەر بۆلمىسى ياكى چېتىشىش بۆلمىسى دەپ ئاتىلىدۇ) دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. مۇلازىمەت بۆلمىسى كۆپىنچە سىلىندىرسىمان بولىدۇ. ئىچىدە ئاساسىي ماتور بولۇپ، ئۇچار كېمىنىڭ ئوربىتىغا كىرىشى، ئوربىتىسىنى ئۆزگەرتىشى، ئۇچرىشىشى، چېتىشىشى، زاپاس ماتورنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇچۇشى ۋە يەر شارىغا قايتۇرۇپ كېلىنىشىدە ئىشلىتىلىدۇ. مۇلازىمەت بۆلمىسى خۇددى ئۇچار كېمىنىڭ ئامبىرىغا ئوخشاش بولۇپ، ھەر خىل زۆرۈر بۇيۇملار قويۇلىدۇ. بۇ بۆلمە قايتۇرۇپ كېلىنمەيدۇ، ئاتموسفېرا قەۋىتىگە قايتا كىرگەندە كۆيۈپ تۈگەيدۇ. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئولتۇرىدىغان بۆلمە قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ، شۇڭا ئۇ قايتۇرۇپ كېلىنىدىغان بۆلمە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ يۇمىلاق، كونۇسسىمان بولىدۇ، قوڭغۇراقسىمانلىرىمۇ بار. ئالەم بوشلۇقىنىڭ مۇھىتى تولا ناچار بولغانلىقتىن، قايتۇرۇپ كېلىنىدىغان بۆلمە ھىم بولۇپ، ئىچىدىكى ئادەملەر ئالەم بوشلۇقى مۇھىتىدىن تامامەن ئايرىۋېتىلىدۇ. بۆلمە ئىچىدە مۇكەممەل ھاياتلىققا كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسى بولۇپ، خادىملار بۆلمە ئىچىدە يەر شارى مۇھىتىغا يېقىنلىشىدىغان مۇھىتتا تۇرمۇش كەچۈرىدۇ ۋە خىزمەت قىلىدۇ. قايتۇرۇپ كېلىنىدىغان بۆلمىگە يەنە ئىسسىقلىقتىن مۇداپىئەلىنىدىغان بىر يۈرۈش ئىشەنچلىك كۆرۈش تەدبىر قوللىنىلغان بولۇپ، ئۇچار كېمىنى يەر يۈزىگە قايتاشىدا ئاتموسفېرا قەۋىتىدىن ئۆتكەندە، مېتېئورىتلارغا ئوخشاش ھاۋادا كۆيۈپ كېتىشتىن ساقلايدۇ. ئادەملىك ئۇچار كېمە بەلگىلەنگەن ئېگىزلىكتىكى يەر شارى ئوربىتىسىغا توشۇغۇچى راكېتانىڭ ياردىمى بىلەن چىقىدۇ، ئاجرىغاندىن كېيىن، ئالەم ئۇچقۇچىسى ئۇچار كېمىنى ئۇنىڭدىكى كونترول قىلىش ۋە يول باشلاش سىستېمىسى ئارقىلىق ھەيدەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھالەتنى كونترول قىلىش ۋە مۇقىملاشتۇرۇش سىستېمىسى ئارقىلىق، ئۇچار كېمىنىڭ ئورنى ۋە مۇقىم ئۇچۇشنى ساقلايدۇ. ئادەملىك ئۇچار كېمە سۇ ئۈستىدە قايتۇرۇپ كېلىش ۋە قۇرۇقلۇقتا قايتۇرۇپ كېلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىلدە قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ. قايتۇرۇپ كېلىش ۋاقتىدا، يەر ئۈستى قوماندانلىق مەركىزى قايتىش بۇيرۇقى چىقىرىپ، ئۇچار كېمىدىكى ئاپتوماتىك يۆنىلىش بەلگىلەش قۇرۇلمىسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، كېمىنىڭ قۇيرۇقىنى ئالدىغا توغرىلايدۇ ھەم تورمۇز راكېتانىڭ ماتورىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ تەتۈر ئىتتىرىش كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، كېمىنىڭ تېزلىكىنى كېمەيتىدۇ، كېمە يەر شارى ئوربىتىسىدىن ئايرىلىپ، بەلگىلەنگەن تۆۋەنلەش ئوربىتىسىنى بويلاپ پەسلەيدۇ. تورمۇز راكېتا خىزمىتىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزلۈكىدىن ئاجراپ كېتىدۇ. يېنىكلىگەن كېمىنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى10 كىلومېتىردىن تۆۋەنلىگەندە، پاراشۇت ئېچىلىدۇ - دە، كېمە ئاستا - ئاستا قونىدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالەم ئۇچقۇچىسى گاگارىن1961 - يىل4 - ئاينىڭ12 - كﯣنى دۇنيادا تۇنجى ئادەملىك ئۇچار كېمە «شەرق Ⅰ» نى ھەيدەپ ئاسمانغا چىققان.1962 - يىل2 - ئايدا ئامېرىكىمۇ «مېركۇرىيⅥ» ناملىق ئادەملىك ئۇچار كېمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا - سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى دۆلەت نەچچە ئونلىغان ئادەملىك ئۇچار كېمىنى ئارقا - ئارقىدىن قويۇپ بەردى. بۇ ئادەملىك ئۇچار كېمىلەر ئالەم بوشلۇقىدا مېڭىش، بوشلۇقتا ئۇچرىشىش، ئالەم بوشلۇقىدا چېتىشىش ۋە ئايغا چىقىش قاتارلىق نۇرغۇن ئالەم پائالىيەتلىرىنى تاماملىدى.
← بارلىق تېمىلار ئۇچقۇلار