پاراسول
ئۇچقۇلار
مۇنداق ئايروپىلاننىڭ قاتتىق قانىتى بولمايدۇ، ھاۋادا يەلكەنگە ئوخشاش پاراشۇتسىمان قانىتىغا تايىنىپ ئۇچىدۇ، شۇڭا پاراسول (پاراشۇت قاناتلىق ئايروپىلان) دېيىلىدۇ.
پاراشۇتسىمان قانات يېڭى شەكىلدىكى ئايروپىلان قانىتى بولۇپ، ئۇنىڭ شەكلى كۆپ. روگاللو قانىتى بىرقەدەر كۆپ قوللىنىلىدۇ، ئۇ ئالاھىدە پاراشۇت توقۇلما ماتېرىياللىرىدىن ياسىلىدۇ، ئۇنى ئۈچبۇلۇڭلۇق تىرەك تىرەپ تۇرىدۇ. مۇئەييەن شەكىلدىكى پاراشۇتسىمان قاناتنىڭ تېخىمۇ چوڭ ئۆرلەش كۈچى ھاسىل قىلىشى ئۈچۈن، ئادەتتە قاناتنىڭ چوققىسىدىن تىرىلىپ،18 ~30 گرادۇسلۇق بۇلۇڭ ھاسىل قىلىنىدۇ، ئۇچقاندا پۈتۈن پاراشۇتسىمان قانات يەلكەنگە ئوخشاش كۆپىدۇ.
پاراسولنىڭ گەۋدىسى ئادەتتىكى پلانېرغا ئوخشاشراق بولۇپ، ئايروپىلان بۆلمىسى ئاقما لىنىيە شەكىللىك چۆمۈچسىمان بولىدۇ. بىر بېنزىن ماتورى ئۇنىڭ قۇيرۇقىنىڭ ئۈستىگە ياكى قۇيرۇق قانىتىغا تىك جايلاشتۇرۇلىدۇ، ئۇنىڭ گورىزونتال قۇيرۇق قانىتى ھەمىشە تەۋرىنىپ، ئايروپىلاننىڭ ياخشى مەشغۇلاتچانلىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
پاراسولنىڭ قۇرۇلمىسى ئاددىي، يەڭگىل، پۈتۈش باھاسى تۆۋەن، ئاسراش ۋە ئىشلىتىش قۇلاي بولۇپلا قالماي، ئىنتايىن تۆۋەن بوشلۇقتا ئىنتايىن تۆۋەن تېزلىك بىلەن ئۇچۇش ئىقتىدارى بولۇپ،20 مېتىر كېلىدىغان ئۇچۇش - چۈشۈش يولىدا ئۇچۇپ قونالايدۇ. ئۇنى ئادەم ھەيدىسىمۇ بولىدۇ، مەشغۇلاتى ئاددىي؛ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا ئوخشاش رادىئو ئارقىلىق يىراقتىن تىزگىنلىگىلىمۇ بولىدۇ. ئۇ بىخەتەر ۋە ئىشەنچلىك بولۇپ، كونتروللۇقىنى يوقاتقان ياكى ھاۋادا ماتوردىن چاتاق چىققاندىمۇ، ئۆزلۈكىدىن شۇڭغۇپ قونالايدۇ.
پاراسول20 - ئەسىرنىڭ60 - يىللىرىنىڭ بېشىدا ياسالغان يېڭى شەكىللىك بىر خىل ئۇچقۇ بولۇپ، ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدى. ئۇنى ساياھەت، ئاۋىئاتسىيە تەنھەرىكىتىدىلا ئەمەس، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئىشلەتكىلى بولىدۇ.