كىچىك ئايروپىلان
ئۇچقۇلار
مۇنداق ئايروپىلان باشقا ئايروپىلانلارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ ئاساسىي قاناتلىرىنىڭ ئالدىغا يەنە بىر جۈپ كىچىك قانات ئورنىتىلغان بولىدۇ. دۇنيادا تۇنجى سۇ ئۈستى ئايروپىلانىغا مۇشۇنداق قانات ئورنىتىلغانلىقتىن «ئۆردەك» دەپ ئاتالغان، يەنە ئۇ ئادەتتىكى ئائىلىلەردە ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق بولغانلىقتىن، «ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ئۆردەكسىمان كىچىك ئايروپىلان» دەپمۇ ئاتالغان.
ئۆردەكسىمان ئايروپىلان ئاساسەن كۆپتۈرمە سۇلياۋ، دېۋىرقاي، ئەينەك تالا رەخت ۋە كاربون تالا رەخت قاتارلىق ماتېرىياللاردىن ياسىلىدۇ. پۈتۈن كۆپتۈرمە سۇلياۋنى توكتا قىزىتىلغان سىم بىلەن كېسىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ قانىتىنىڭ شەكلى چىقىرىلىدۇ، ئاندىن دېۋىرقايغا چىلانغان ئەينەك تالا رەخت بىلەن بىرنەچچە قەۋەت قاپلىنىدۇ؛ ئايروپىلان گەۋدىسىمۇ قوش قەۋەتلىك كۆنەكسىمان ئەينەك پولات قۇرۇلمىلىق بولۇپ، سىرتى ئەينەك تالا رەخت بىلەن قاپلانغان. مۇنداق ئايروپىلان يېنىك، سىرتى سىلىق بولىدۇ.
ئۆردەكسىمان كىچىك ئايروپىلاننى قاتلىغىلى بولىدۇ،2 ~3 كىشى يېرىم سائەتكە قالماي قاتلاپ، يۈرۈشلەشتۈرۈپ لايىھىلەنگەن پرىتسېپقا قاچىلاپ بولالايدۇ. پرىتسېپنى كىچىك ماشىنىلار سۆرەپ كېتەلەيدۇ، شۇڭا، ئائىلە ساياھىتىگە كۆپ قۇلايلىق ئېلىپ كېلىدۇ. مۇنداق ئايروپىلاندا زاپاس قۇتقۇزۇش پاراشۇتى بولىدۇ، جىددىي ئەھۋالدا پاراشۇتنى ئېتىپ چىقىرىپ، ئۇچقۇچى كابىنكىدا ئولتۇرۇپ، ئايروپىلان بىلەن بىللە يەرگە بىخەتەر قونۇۋالالايدۇ.
ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ئۆردەكسىمان كىچىك ئايروپىلاننىڭ يۈك كۆتۈرۈشچانلىقى چوڭ، ماي سەرپىياتى تۆۋەن، ئۇچۇش يولى ئاددىي بولۇش ئەۋزەللىكى بار. بىر يالغۇز كىشىلىك ئۆردەكسىمان كىچىك ئايروپىلاننىڭ ئۆز ئېغىرلىقى108 كىلوگرام كېلىدۇ، لېكىن117 كىلوگرام يۈك كۆتۈرەلەيدۇ، باشقا ھەرقانداق ئايروپىلاننىڭ بۇنداق بولالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئىككى كىشىلىك بىر ئۆردەكسىمان ئايروپىلانغا90 لىتىر يېقىلغۇ ماي قاچىلىۋالسا، ئىككى كىشى ئولتۇرۇپ،4000 مېتىر ئېگىزلىكتە سائىتىگە192 كىلومېتىر تېزلىك بىلەن ئۇچقىلى بولىدۇ، شاڭخەيدىن بېيجىڭغا ئالتە سائەتتىلا بارغىلى بولىدۇ، بۇ جەرياندا54 لىتىر ماي كۆيىدۇ.