يېنىك ئايروپىلان
ئۇچقۇلار
كىشىلەر ئۆز ئېغىرلىقى150 كىلوگرامدىن ئاشمايدىغان ئايروپىلانلارنى ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك ئايروپىلان دەپ ئاتىشىدۇ.
مۇنداق ئايروپىلان دەسلەپ20 - ئەسىرنىڭ70 - يىللىرىدا بارلىققا كەلگەن. ئەينى چاغدا پلانېرغا پەقەت يەڭگىل ماتورلا ئورنىتىلغانىدى، كېيىنچە قۇۋۋىتى چوڭراق مەخسۇس ماتورغا تەرەققىي قىلدى.
ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك ئايروپىلان گەۋدىسى ئوچۇق قۇرۇلما شەكلىدە ياكى توغرىلانما سۈگەن شەكلىدە بولىدۇ، قۇرۇلمىسىنىڭ ماتېرىيالىغا ئادەتتە ئاليۇمىن قېتىشما تۇرۇبا، قانىتىغا كۆپىنچە نىلون رەخت ئىشلىتىلىدۇ. ماي كلاپان قۇرۇلمىسى ۋە رول تۇتقۇچى، پولات ئارقانلار ئارقىلىق ماتور ۋە رولنى ئوڭايلا باشقۇرۇپ، ئايروپىلاننى ئۇچۇرۇپ قوندۇرغىلى بولىدۇ.
ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك ئايروپىلان ماتورىنىڭ پىرقىرىغۇچنى ئايلاندۇرۇشى ئىككى خىل شەكىلدە بولىدۇ: بىر خىلىدا ماتور ئايروپىلان قانىتىنىڭ ئالدىغا، يەنە بىر خىلىدا كەينىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئىككىلىسىنىڭ رولى ئوخشاش. بۇ خىل ئايروپىلان1 ~2 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تۆۋەن پەۋقۇلئاددە بوشلۇقتا ئۇچالايدۇ. ئۇنىڭ شۇڭغۇش مۇقىملىقى ياخشى بولغانلىقتىن، ناھايىتى ئاستا ئۇچالايدۇ، ئادەتتە سائىتىگە50 كىلومېتىر ئۇچىدۇ. ئۇنىڭ يەنە پلانېر ئالاھىدىلىكىمۇ بولغانلىقتىن، ھاۋادا ماتوردىن كاشىلا كۆرۈلسە، ئايروپىلان يەرگە بىخەتەر شۇڭغۇپ كېلىپ قونالايدۇ. بۇ ئايروپىلان ئادەتتىكى يەرلەردىمۇ ئۇچۇپ قونىۋېرىدۇ. كەڭلىكى20 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى100 مېتىرچە تۈز يەر ياكى ئوتلاق بولسىلا بولىدۇ.
ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك ئايروپىلان تىك ئۇچاردىن ئاددىي ۋە پۈتۈش تەننەرخى تۆۋەن، لېكىن، ئىشلىتىلىشى كەڭ. ئاۋىئاتسىيە تەنتەربىيىسى ۋە ساياھەتتىن باشقا، يەنە ھاۋادىن سۈرەتكە ئېلىش، ھاۋادىن قىدىرىپ تەكشۈرۈش، ئايروپوچتا، ھاۋادىن چارلاش، دېڭىز ياقىلىرىنى چارلاش، ئورمان مۇھاپىزەت قىلىپ ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئېتىز مەشغۇلاتى قاتارلىق ئىشلاردىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.