قول ئايروپىلانى
ئۇچقۇلار
15- ئەسىردە ئىتالىيىلىك مەشھۇر رەسسام لېئوتاردو داۋىنچى بىر خىل قول ئايروپىلانى لايىھىلىگەن. ئادەم ئۇنىڭغا چىقىپ ئالدىدىكى توغرا بالداقنى قولى بىلەن ھەرىكەتلەندۈرىدۇ، كەينىدىكى بىر جۈپ تاختىنى پۇتلىرى بىلەن تېپىپ تۇرىدۇ، قول - پۇتى تەڭلا ھەرىكەتلەنسە، پەيلىك قانات قۇش قانىتىدەك لەپەڭشىيدۇ - دە، قول ئايروپىلان قانات ئۈستىگە دۈم يېتىۋالغان ئادەم بىلەن بىللە ئۇچىدۇ. كىشىلەر نەچچە يۈز يىللار تىرىشىپ، ئاخىر داۋىنچىنىڭ تەسەۋۋۇرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ھازىر قول ئايروپىلانلىرى ئۇچۇپلا قالماي، ئىنگلاند دېڭىز قولتۇقىدىنىمۇ ئۇچۇپ ئۆتەلەيدۇ.
ھازىرقى زامان قول ئايروپىلانلىرى يىڭناغۇچقا ئوخشايدۇ، قاناتلىرى بەك ئۇزۇن، گەۋدىسى تولا ئىنچىكە بولغاننىڭ ئۈستىگە، قانىتىدىن كۆپ قىسقا بولۇپ، ئۇزۇن قانات بىلەن قۇيرۇق قانىتىنى تۇتاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئايروپىلان قانىتىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىنىڭ ئاستىدىكى بىر سۈزۈك بۆلۈم ئىچىدە ئورۇندۇق ۋە زەنجىر بىلەن ئايلىنىدىغان قۇرۇلما بار. بۆلۈمنىڭ ئالدى - كەينىگە ۋېلىسىپىتنىڭ چاقىدەك بىردىن كىچىك چاق ئورنىتىلغان. ئۇچۇش ۋاقتىدا ئۇچقۇچى دەسسىگۈچنى تېپىپ ھەرىكەتلەندۈرۈشى بىلەن پىرقىرغۇچ ئايلىنىپ ئىتتىرىش كۈچى ھاسىل بولىدۇ. پۈتكۈل ئۇچۇش جەريانىدا ئادەم كۈچىدىن باشقا ھېچقانداق ئېنېرگىيە ئىشلىتىلمەيدۇ، شۇڭا «قول ئايروپىلانى» دەپ ئاتالغان.
ھازىرقى زامان تۇنجى قول ئايروپىلانىنى ئامېرىكىلىق دوكتور پاۋلو ماكلىد ياسىغان. ئۇ بۈركۈتنىڭ كۆكتە پەرۋاز قىلىشىدىن ئىلھام ئالغىنى ئۈچۈن، ئۆز كەشپىياتىغا «كارامەت بۈركۇت» دەپ نام بەرگەن. بۇ ئايروپىلان1977 - يىلى «人» شەكىللىك لىنىيىدە1600 مېتىر ئۇچۇشنى تاماملىغان. ئۇ1979 - يىلى «بورانقۇش» ناملىق قول ئايروپىلانىنى لايىھىلىگەن. ئامېرىكىلىق ۋېلىسىپىت تەنھەرىكەتچىسى ئاللىن ئۇنى ھەيدەپ،2 سائەت49 مىنۇتتا35 كىلومېتىر ئۇچۇپ ئىنگلاند بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، قول ئايروپىلانى ئۇدا ئەڭ يىراققا ئۇچۇش دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان.