ئىسسىق ھاۋا شارى
ئۇچقۇلار
كىشىلەر ئادەتتە فرانسىيىلىك ئاكا - ئۇكا مونگېفېرلار ئىسسىق ھاۋا شارىنى1783 - يىل11 - ئايدا بىرىنچى بولۇپ كەشىپ قىلغان ۋە بىرىنچى بولۇپ ئادەم ئېلىپ ئۇچۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىسسىق ھاۋا شارىنى ئەڭ بۇرۇن تەتقىق قىلغىنى − جۇڭگو.2000 يىل بۇرۇن، ئېلىمىزنىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى «خۇەينەنزى» دېگەن كىتابتا ئىسسىق ھاۋانىڭ لەيلىتىش رولى بارلىقى خاتىرىلەنگەن. ئېلىمىزنىڭ بەش دەۋر مەزگىلىدىكى شېن چىنياڭ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغاندا، بامبۇك يېرىندىسىغا قەغەز قاپلاپ ياسالغان پانۇسنىڭ ئاستىدىن دېۋىرقاي بىلەن ئوت يېقىپ، پانۇسنى ئىسسىق ھاۋانىڭ ياردىمى بىلەن ھاۋاغا كۆتۈرۈپ، ھەربىي سىگنال قىلغان. بۇ، ياۋروپالىقلاردىن700 ~800 يىل بۇرۇنقى ئىش. كېيىن ئېلىمىز خەلقى ئارىسىدا تارالغان «جۇگې لياڭ پانۇسى» مۇ مۇشۇنداق ئىسسىق ھاۋا شارىدىن ئىبارەت.
بىراق، ئاكا - ئۇكا مونگېفېرلار كەشىپ قىلغان ئىسسىق ھاۋا شارى ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زاماندىكىسىدىن ئىلغارراق ۋە ئەمەلىي ئىشلىتىش قىممىتى بار. ئۇلار ئىسسىق ھاۋانىڭ ئادەتتىكى ھاۋادىن يېنىك بولىدىغانلىقىنى ۋە ئىسسىق ھاۋا ئۆزلۈكىدىن يۇقىرى ئۆرلەيدىغانلىقىنى بايقىغان. ھاۋانىڭ بۇ خۇسۇسىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلار ئىسسىق ھاۋانى چىڭ ھىملاپ، بىر قىسىم ھاۋانى شارنىڭ ئاستىدىكى ئېغىزىدىن سىرتقا چىقىرىۋەتكەن، شار ئىچىدىكى ئىسسىق ھاۋا بىلەن ئۈسكۈنە ۋە ئادەمنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى شار سىقىپ چىقارغان ھاۋانىڭ ئېغىرلىقىدىن يېنىك بولغاندا، ئىسسىق ھاۋا شارى ھاۋانىڭ لەيلىتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە يۇقىرى ئۆرلىگەن.
ئادەم ئېلىپ ئۇچىدىغان ئىسسىق ھاۋا شارى ئادەتتە شار، گوندولا، قىزدۇرغۇچ ۋە يەر يۈزىدىكى شامالچى قاتارلىق قىسىملاردىن تەركىب تاپىدۇ. شار دىئامېتىرى60 ~70 ۋاسكېتبولنىڭ دىئامېتىرىدەك كېلىدىغان يەل خالتىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، نىلون قاتارلىق سۈنئىي تالا توقۇلمىلاردىن ياسىلىدۇ. بۇ ماتېرىيال ئاۋۋال قاتمۇقات سۇۋالغۇ بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىپ، يەل قاچمايدىغان قىلىنىدۇ. شارنىڭ تېگىدە ھاۋا كىرىش ئېغىزى بار، ئۇ ئوت يالقۇنىغا ئەڭ يېقىن بولۇپ، يۇقىرى ھارارەتكە چىداملىق ۋە كۆيۈشنى توسۇيدىغان توقۇلمىلاردىن ياسىلىدۇ.
شار نىلون تانا ۋە پولات ئارغامچىلار ئارقىلىق گوندولا بىلەن تۇتىشىدۇ. گوندولاغا تەجرىبە سايمانلىرى، يېقىلغۇ سېلىنىدۇ ۋە ئادەم چۈشىدۇ. قىزدۇرغۇچ گوندولانىڭ ئۈستىدە، ھاۋا كىرىش ئېغىزىغا يېقىن ۋە ئۇدۇل تۇرىدۇ.
ئىسسىق ھاۋا شارى ئۇچۇش ۋاقتىدا، ياغاچ پىرقىرىغۇچ بىر ماتور بىلەن ئايلاندۇرۇلۇپ شارغا يەل بېرىلىدۇ. شار توشاي دېگەندە، ئىچىدىكى ھاۋا قىزدۇرغۇچ بىلەن قىزىتىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھاسىل بولغان لەيلىتىش كۈچى گوندولانى كۆككە ئېلىپ چىقىدۇ. ئادەتتە قىزدۇرغۇچنىڭ جىددىي ئەھۋالدا ئىشلىتىلىدىغان پۈركۈش ئېغىزى بولىدۇ، جىددىي ئۆرلەپ يەر يۈزىدىكى بەزى توسالغۇلاردىن ھالقىپ ئۆتۈشكە توغرا كەلگەندە، جىددىي ئەھۋال ئېغىزى ئېچىلىپ، يالقۇن ئۇلغايتىلسا، شار تېز يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
ئىسسىق ھاۋا شارىنىڭ پۈتۈش باھاسى ئەرزان، ئىشلىتىش خىراجىتى تۆۋەن، ئۇچۇش تېخنىكىسى ئاددىي بولۇپ، ئۇ بوشلۇقتا ھەرىكەت قىلىش مەشقى، مۇسابىقە ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەندىن باشقا، بوشلۇقتا سەيلە - تاماشا قىلىش، سۈرەتكە تارتىش، ئاتموسفېرادىن ئەۋرىشكە ئېلىش، گېئودېزىيىلىك ئۆلچەش، ئىلمىي تەجرىبە ئىشلەش، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش، چېگرا مۇداپىئەسىنى كۆزىتىش قاتارلىق ئىشلاردىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ.