بوشلۇق پونكىتى
ئۇچقۇلار
بوشلۇق پونكىتى يەنە بوشلۇق تەجرىبىخانىسى ياكى ئوربىتا پونكىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، يەردە قىلغىلى بولمايدىغان بەزى ئىلمىي ۋە ئىشلەپچىقىرىش تەجرىبىلىرىنى ئىشلىگىلى؛ يەنە ئۇنى ئۆتەڭ پونكىت قىلىپ باشقا پلانېتىلارغا ئۇچۇپ، ئالەمنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدەنگىلى؛ ئەرش شەھىرى قۇرۇش ئۈچۈن ماتېرىيال توپلىغىلى، تەجرىبىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
بوشلۇق پونكىتى (كوسمو پورت) چېتىش بۆلمىسى، يەل كلاپان بۆلمىسى ( ئۆتكۈنچى بۆلمە دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، خىزمەت بۆلمىسى ۋە مۇلازىمەت بۆلمىسىدىن تەركىب تاپىدۇ، بۆلمە سىرتىغا قۇياش باتارېيە تاختىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ.
چېتىش بۆلمىسى چېتىشىش ئېغىزى ئارقىلىق توشۇغۇچى ئۇچار كېمە بىلەن چېتىشىپ، ماددىي ئەشيا ۋە ئالماشتۇرۇلىدىغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى توشۇيدۇ. يەل كلاپان بۆلمىسى چېتىشىش بۆلمىسى بىلەن خىزمەت بۆلمىسىنىڭ ئارىلىقىدا بولۇپ، بېسىم كۈچەيتىش يولىدىن ئىبارەت. ئىچىدە ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بۆلمىدىن چىقىپ پائالىيەت قىلىشتا پايدىلىنىدىغان يەل كلاپانلىق كۆزنەك بولىدۇ، بۇ كۆزنەك ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ياكى ماددىي ئەشيالار كىرىپ - چىقىش ۋاقتىدا، ئالەم ماددىلىرىنىڭ خىزمەت بۆلمىسىگە كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. خىزمەت بۆلمىسى بوشلۇق پونكىتىنىڭ ئاساسىي قىسمى، ئۇ ئۇچقۇچىلار تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ۋە تەجرىبە ئىشلەيدىغان بۆلمە. مۇلازىمەت بۆلمىسى ئەمەلىيەتتە ئوربىتا كونترول ماتورى جايلاشقان بۆلمىدۇر.
بوشلۇق پونكىتىنىڭ خىزمەت بۆلمىسى چوڭراق بولىدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكىنىڭ بوشلۇق تەجرىبىخانىسىنىڭ ئىچى100 كۋادرات مېتىرلىق سىنىپتەك كېلىدۇ. ئۇ ئىككى قەۋەتكە بۆلۈنگەن: ئۈستۈنكى قەۋەت ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ خىزمەت سورۇنى، ئۇ يەردە ئىلمىي سايمانلار ۋە تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرى بولىدۇ؛ ئاستىنقى قەۋەت ياتاق، ئاشخانا، تاماقخانا، مۇنچا، ھاجەتخانا ۋە ئەخلەت ساندۇقىدىن ئىبارەت، نېمە دېسە شۇ بار. ئىككى قەۋەت ئارىلىقىدا تاختاي بار، ئوتتۇرىسى تۆشۈك، لېكىن شوتا يوق، چۈنكى، ئېغىرلىقىنى يوقاتقان ئەھۋالدا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يەرگە بوشقىنا تېپىپ قويسىلا، ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقالايدۇ؛ شىپنى قولى بىلەن ئىتتىرىپ پەسكىمۇ چۈشەلەيدۇ، شوتىغا يامىشىشنىڭ ھاجىتى يوق.
بوشلۇق پونكىتى ئىچىدىكى ھاۋا بېسىمى ۋە تېمپېراتۇرا يەر يۈزىدىكىگە ئوخشاش تەڭشەلگەن، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بۆلمە ئىچىدە كېلەڭسىز ئالەم كىيىمىنى كىيىپ يۈرمىسىمۇ، ئادەتتىكى سىپتا كىيىملىرى بىلەن يۈرىۋەرسە بولىدۇ.1971
- يىل4 - ئاينىڭ19 - كۈنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تۇنجى قېتىم «ساليۇت» ناملىق بوشلۇق پونكىتىنى قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، يەنە يەتتىنى قويۇپ بەردى. ئامېرىكا1973 - يىل5 - ئايدا «بوشلۇق تەجرىبىخانىسى» بوشلۇق پونكىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىپ، «ئاپوللو» ئۇچار كېمىسىنى ئۇنىڭ توشۇغۇچى كېمىسى قىلدى. بۇ بوشلۇق پونكىتلىرىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئۇزاق ۋاقىت ئېغىرلىقنى يوقاتقان شارائىتتا، ئادەم نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈپ خىزمەت قىلالايدىغان - قىلالمايدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا كىرىشى ئۈچۈن تەجرىبە توپلاشتىن ئىبارەت.