ئالەم ئايروپىلانى
ئۇچقۇلار
ئالەم ئايروپىلانى ئايروپىلان بىلەن راكېتانىڭ بىرلەشمىسى، ئۇ ھەم راكېتاغا ئوخشاش ئالەم بوشلۇقىغا ئېتىپ چىقىرىلىدۇ، ھەم ئايروپىلانغا ئوخشاش ئايرودرومغا قونىدۇ.
ئالەم ئايروپىلانى يۇقىرى - تۆۋەن ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ: يۇقىرى قىسمى ئۇنىڭ گەۋدىسى بولۇپ، ئوربىتا ئۈگىسى دېيىلىدۇ، شەكلى چوڭ تىپتىكى رېئاكتىپ يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئوخشايدۇ. تۆۋەن قىسمى ئىككى ياردەمچى راكېتا ۋە چوڭ بىر يېقىلغۇ ساندۇقى بولۇپ، چوڭلۇقى ئون نەچچە قەۋەتلىك بىنادەك كېلىدۇ، ئۇ ئوربىتا ئۈگىسىدىكى ئاساسىي ماتورنى يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.
ئوربىتا ئۈگىسى ئالدى، ئوتتۇرا، كەينى ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنىدۇ. ئالدى بۆلىكى خادىملار بۆلمىسى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھاۋا بېسىمى نورمال ئاتموسفېرا بېسىمىغا تەڭ بولىدۇ،3 ~7 ئالەم ئۇچقۇچىسى سىغىدۇ، كۆپ بولغاندا10 غا يېتىدۇ. ئوتتۇرا بۆلەك ناھايىتى چوڭ توشۇش بۆلمىسى بولۇپ، ئادەم، سۈنئىي ھەمراھ، ئىلمىي تەكشۈرۈش سايمانلىرى ۋە ئالەم قوراللىرى قاچىلىنىدۇ، يەنە بوشلۇقتا مال قاچىلاپ چۈشۈرىدىغان يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان غايەت زور مېخانىك قولمۇ بار. كەينى بۆلەككە ئۈچ ئاساسىي ماتور ھەم ئالەم ئايروپىلانىنىڭ زاپاس ماتور بىلەن ئۇچۇشى، ئۇچۇش مۇقىملىقىنى ساقلىشى، ھالىتىنى ئۆزگەرتىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قۇرۇلمىسى قاچىلانغان.
ئالەم ئايروپىلانى ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ ئاسمانغا چىقىدۇ. ئۇچۇش ۋاقتىدا، راكېتا قويۇپ بېرىش سۇپىسىدا راكېتاغا ئوخشاش تىك تۇرىدۇ، ئۈچ ئاساسىي ماتور ۋە چوڭ يېقىلغۇ ساندۇقىنىڭ ئىككى يېقىدىكى ئىككى راكېتالىق ئىتتىرگۈچ بىرلا ۋاقىتتا دېگۈدەك ئوت ئالىدۇ. ئالەم ئايروپىلانى50 ~60 كىلومېتىر ئېگىزلىككە چىققاندا، ئىككى ياردەمچى ئىتتىرگۈچنىڭ يېقىلغۇسى تۈگەپ، ئۆزلۈكىدىن ئاجرايدۇ ۋە پاراشۇت بىلەن يېنىپ چۈشىدۇ، ئۇ يىغىۋېلىنىپ كېيىنكى قېتىمدا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ چاغدا ئالەم ئايروپىلانىنىڭ سائەتلىك تېزلىكى5000 كىلومېتىرغا يېتىپ، ئاساسىي ماتورلارنىڭ ئىتتىرىش كۈچى بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا قاراپ داۋاملىق ئۇچىدۇ.8 مىنۇتلاردىن كېيىن، ئالەم ئايروپىلانى بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا يېقىنلىشىدۇ. زور يېقىلغۇ ساندۇقىدىكى يېقىلغۇمۇ تۈگەپ، ئاساسىي ماتورلار ئۆچۈپ، يېقىلغۇ ساندۇقى بىلەن بىللە ئاجراپ، ئاتموسفېرا قەۋىتىگە چۈشۈپ كۆيۈپ تۈگەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئالەم ئايروپىلانىنىڭ ئوربىتا ئۈگىسىلا قالىدۇ، كەينى بۆلەككە ئورنىتىلغان زاپاس ماتورنىڭ كۈچى بىلەن، ئوربىتا ئۈگىسى ئالەم ئوربىتىسىغا رەسمىي كىرىپ ئۇچىدۇ.
ئالەم ئايروپىلانى ئوربىتىغا كىرگەندىن كېيىن، توشۇش بۆلمىسىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، ھەر خىل ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ، ئالەم ئايروپىلانى ئالەم بوشلۇقىدا بىرەر ئاي ئۇچالايدۇ.
ئالەم ئايروپىلانى يەر شارىغا قايتىپ كېلىش ۋاقتىدا، زاپاس ماتور ئىشقا كىرىشىپ، ئالەم ئايروپىلانىنى ئەسلىدىكى يەر شارى ئوربىتىسىدىن ئايرىيدۇ، ئايروپىلاننىڭ ئېگىزلىكى بارا - بارا تۆۋەنلەپ، ئاتموسفېرا قەۋىتىگە قايتا كىرىدۇ ۋە ئاتموسفېرا قەۋىتىدە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يوق ئەھۋالدا شۇڭغۇپ ئۇچىدۇ، ئاخىرىدا ئادەتتىكى رېئاكتىپ يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئوخشاش، ئۇچۇش يولىغا يەر بېغىرلاپ قونىدۇ. يەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنى رېمونت قىلىپ، يېقىلغۇ تولۇقلاپ، ياردەمچى ئىتتىرگۈچ ۋە يېقىلغۇ ساندۇقى ئورنىتىپ، قايتا ئۇچۇرغىلى بولىدۇ. مۇنداق ئالەم ئايروپىلانىنى100 قېتىمچە ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
ئالەم ئايروپىلانىنىڭ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلۈش ۋە ئاتموسفېرا قەۋىتىگە قايتا كىرىش ۋاقتىدىكى تېزلىنىشى ناھايىتى كىچىك بولۇپ، ساغلام كىشىلەر ئولتۇرۇپ ئالەمنى ساياھەت قىلسىمۇ بولىدۇ. يەنە ئوربىتىدا سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىپ، ئىلمىي تەجرىبە ئىشلىگىلى، سۈنئىي ھەمراھنى رېمونت قىلغىلى ۋە ھەربىي مەقسەتلەردە پايدىلانغىلى بولىدۇ. ئالەم ئايروپىلانىنى «ترانسپورت ئايروپىلانى» ئورنىدا ئىشلىتىپ، بوشلۇق تەجرىبىخانىسىغا دېتال، سايمان، ماددىي ئەشيا ۋە خادىملارنى ئېلىپ چىققىلى بولىدۇ.