بەرباب
ئۇيغۇر چالغۇلىرى
بۇ 4 - 5 تارلىق، كەڭ يۈزلۈك چەكمە چالغۇ بولۇپ، تىك تۇتۇپ (قەدىمكى زاماندا يانتۇ تۇتۇلغان)، ئوڭ قول بارماقلىرى بىلەن تار چېكىپ، سول قولدا پەدە بېسىپ چېلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەگرى ساپلىق (تۆت تارلىق) ۋە بەش تارلىق ئىككى خىل نۇسخىسى بار. قىزىل قاغا، قۇمتۇرا، بېزەكلىك قاتارلىق مىڭئۆيلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇنىڭ ئېنىق سىزىلغان رەسىمى بار.