UyghurWiki
UyghurWikiئۇ چالغۇلىرىئىسقىرت

ئىسقىرت

ئۇيغۇر چالغۇلىرى بۇ نەي ئائىلىسىگە تەۋە يەللىك چالغۇ بولۇپ، سۆڭەك، قوينىڭ مۈڭگۈزى ۋە قومۇشتىن ياسىلىپ، پۈۋلەپ چېلىنىدۇ. ئۇ بىر تۆشۈكلۈك ۋە ئۈچ تۆشۈكلۈك ئىسقىرتتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. ئۈچ تۆشۈكلۈك ئىسقىرتنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن يەتتە سانتىمېتىر، بىر تۆشۈكلۈك ئىسقىرتنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن بەش سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. ئۇ ئىككى قولنىڭ باش بارمىقى ۋە كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىككى تەرىپىدىن تۇتۇپ، ئاۋاز تۆشۈكلىرىنى ئېچىپ - يېپىش ئارقىلىق ئوتتۇرىدىكى پۈۋلەش تۆشۈكىدىن پۈۋلەپ چېلىنىدۇ. ئىسقىرت ئادەتتە ئاۋاز دائىرىسى تار ۋە يۇقىرى بولغان مېلودىيىلەرنى چېلىش ھەمدە مۇزىكىلارغا تەبىئەت مەنزىرىلىرى ۋە قۇشلارنىڭ سايراشلىرى قاتارلىق ئاۋاز ئۈنۈملىرىنى قوشۇشتا ئالاھىدە رول ئوينايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇ چالغۇلىرى
ئىسقىرت | UyghurWiki | UyghurWiki