UyghurWiki
UyghurWikiئۇ چالغۇلىرىپەنجىتار

پەنجىتار

ئۇيغۇر چالغۇلىرى بۇ باش قىسمى ئاساسەن تەمبۈرگە ئوخشاش ياسىلىپ، بېشىنىڭ ئىككى تەرىپىگە راۋابنىڭ مۈڭگۈزىدىن ئۆزگىچە ھالدا ياپىلاقراق، كۆركەم، قۇلاقسىمان ئويما نەقىش بېكىتىلىدۇ. پەدىلىرىمۇ ئاساسەن تەمبۈرگە ئوخشاش بولۇپ، بەش دانە سىم تار سېلىنىدۇ، ئەمما، دەستىسى قىسقا، تەخمىنەن 1 مېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. باش قىسمى ۋە دەستىلىرىگە تەمبۈر - راۋابلارغا ئوخشاش سۆڭەك، رەڭلىك سۇلياۋدىن خىلمۇ خىل كۆركەم نەقىشلەر قويۇلۇپ ياسىلىدۇ. چېلىش ئۇسۇلى تەمبۈرگە ئوخشاش، بىراق ناخۇل ئىشلەتمەي زەخمەك بىلەن چېلىنىدۇ. ئوڭ پۇت تېقىمىنىڭ ئۈستىگە قويۇلۇپ، دەستىسى سەل تىكېرەك تۇتۇلىدۇ. تارلىرىنى تەڭشەش ئۇسۇلىمۇ ئاساسەن تەمبۈر ۋە چاپلىما راۋاب قاتارلىقلارغا ئوخشاش. ئاۋاز تۈسى تەمبۈردىن يۇقىرى، ياڭراق، چاپلىما راۋابتىن جاراڭلىق، مۇڭلۇق كېلىدۇ. شۇڭلاشقا، بەزىلەر پەنجىتارنى يۇقىرى ئاۋازلىق تەمبۈر دەپمۇ ئاتىشىدۇ
← بارلىق تېمىلار ئۇ چالغۇلىرى
پەنجىتار | UyghurWiki | UyghurWiki