كولدۇرما
ئۇيغۇر چالغۇلىرى
بۇ سوقما چالغۇ بولۇپ، ساپ بېكىتىلگەن كىچىككىنە دۇمباقنىڭ ئىككى تەرىپىگە مونچاق ئېسىلىپ، قول بىلەن ئۇياق - بۇياققا ئايلاندۇرۇپ، سوقۇشتۇرۇپ چېلىنىدۇ.
بۇ ئەڭ قەدىمكى سوقما چالغۇ بولۇپ، ياپونىيىلىكلەر بېزەكلىك مىڭئۆيدىن ئېلىپ كەتكەن تام رەسىمىدە بۇرنى ئېگىز، ئورا كۆز، بومبا ساقال بىر ئۇيغۇر ئاقساقىلىنىڭ ئوڭ قولىدا كولدۇرما چېلىۋاتقان شەكلى جانلىق تەسۋىرلەنگەن.