قۇمۇل راۋابى
ئۇيغۇر چالغۇلىرى
قۇمۇل راۋابىمۇ قەدىمكى راۋابلارنىڭ بىرى بولۇپ، ياسىلىش شەكلى چوڭ جەھەتتە دولان راۋابىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بىراق، قۇرۇلمىسىدا مەلۇم پەرقلەر بار
قۇمۇل راۋابى راۋاب بېشى، پەدە قويۇلغان كەڭرەك ئۇزۇن دەستىسى، پەدە قويۇلمايدىغان تارراق قسىقا دەستىسى ۋە قۇلاق ئورنى قاتارلىق تۆت قىسىمدىن ياسىلىدۇ. قۇلاق ئورنى ئۈچ بۈرجەك شەكلىدە بولۇپ، ئالتە دانە قۇلاق بېكىتىلگەن. راۋاب دەستىسىنىڭ يۇقىرىقى قىسىمى دولان راۋابىغا ئوخشاش ياسىلىپ پەدە قويۇلمايدۇ. تۆۋەنكى قسىمى كەڭرەك بولۇپ، مىستىن 14 دانە پەدەو قويۇلىدۇ.
قۇمۇل راۋابى كۆپىنچە ئۈجمە ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. راۋاب بېشى (ئەكىس سادا قاپقى) ياغاچتىن ئىچى ئويۇلۇپ، سوقىچاق ۋە ياپىلاقراق ھەمدە سەل چوڭراق ياسىلىدۇ. سوقىچاق بېشىنىڭ كەڭ دىئامېتىرى 23 سانتىمېتىر، تار دىئامېتىرى 20 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. پەدە قويۇلمىغان دەستىسى 15 سانتىمېتىر، پەدە قويۇلغىنى 28 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 85 سانتىمېتىر.
قۇمۇل راۋابىنىڭ يۈزلىكىگە بۇرۇن ئات، ئېشەك تېرىسى كېرىلەتتى ھەم ئۈچەيدىن تار ئېشىپ سېلىناتتى. ھازىر ئومۇمەن يىلان تېرىسى كېرىلىپ، پولات سىم سېلىنىدىغان بولدى. ئۇنىڭ 13 تال تارى بولۇپ، ئالدىنقى ئالتە تال تارى ئاساسلىق چېلىنىدىغان تار، قالغانلىرى ئەكس سادا قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. قۇچاقتا يانتۇ قويۇلۇپ، سول قولدا پەدە بېسىپ (كۆپىنچە بىرىنچى قول ئورنىدا)، ئوڭ قولدا زەخمەك بىلەن تار چېكىپ چېلىنىدۇ.
قۇمۇل راۋابىنىڭ خىلمۇ خىل مىللىي پاسوندىكى نەقىشلەر ئويۇلىدۇ. بەزىلىرىگە ھەتتا ئۈنچە - ياقۇتلار قويۇلۇپ نەپىس ياسىلىدۇ. بۇ خىل راۋاب شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇمۇل ۋىلايىتى تەۋەسىدە كۆپرەك قوللىنىلغاچقا <قۇمۇل راۋابى> دەپ ئاتالغان.
قويچى راۋابى بىر قەدەر ئىپتىدائىي بولغان قەدىمكى راۋاب بولۇپ، شەكلى ئاساسىي جەھەتتىن قەشقەر راۋابىغا ئوخشىشىپراق كېتىدۇ. بىراق، ياسىلىشى ئاددىي، راۋاب بېشى سەل چوڭ، دەستىسىمۇ ئۇزۇنراق كېلىدۇ. 10 نەچچە پەدە باغلىنىدۇ. يۈزلىكىگە ئات، ئېشەك تېرىسى كېرىلىپ ئۈچ تال ئۈچەي تار سېلىنىدۇ. چېلىش ئۇسۇلىمۇ ئاساسەن قەشقەر راۋابى بىلەن ئوخشاش.