سۇرناي
ئۇيغۇر چالغۇلىرى
بۇ قەدىمكى زاماندا ئۇيغۇرلار سۇرناينى چىلان ياغىچىدىن ياساپ ئىشلەتكەن. ھازىرقى كىچىك ئۇچىدا قومۇشتىن ياسالغان ئاۋاز چىقىرىش پىپىرى بولۇپ، ئۇنى خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. چوڭ ئۇچىغا بارغانسېرى ئىچىدىكى بوشلۇق كېڭىيىپ ئاغزى كارناي شەكلىدە ياسىلىدۇ. ئۈستىدە كۆپلىگەن تۆشۈكچىلەر بولۇپ، بالىمانغا ئوخشاش تۈز تۇتۇپ، بارماق بىلەن بېسىپ، پۈۋلەپ چېلىنىدۇ. سۇرناينىڭ ئۇزۇنلۇقى 43 سانتىمېتىر، كانايسىمان ئاغزىنىڭ دىئامېتىرى (مىستىن ياسالغانلىرىنىڭ) 8 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. سۈپىتى ياخشى سۇرنايلارغا سۆڭەكتىن خىلمۇ خىل كۆركەم نەقىشلەر قويۇلىدۇ. سۇرناينىڭمۇ ئادەتتە ئۈستۈنكى تەرىپىدە يەتتە، ئاستىنقى تەرىپىدە بىر، جەمئىي سەككىز ئاۋاز تۆشۈكى بولىدۇ. ئاستىنقى تۆشۈكى ئۈستۈنكى 1 - تۆشۈكىنىڭ ئاستىغىراق توغرا كېلىدۇ. بارماق قائىدىسى نەي ۋە بالىمانلارغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
سۇرناي تەخمىنەن مىلادىيەنىڭ ئالدى كەينىدەبۇرغا قاتارلىق قەدىمكى چالغۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، دەسلەپتە كالا مۈڭگۈزىدىن، كېيىنچە ياغاچ ۋە مىستىن ياسىلىدىغان بولغان. <بۈيۈك چىڭ مۇراسىم شەكىللىرى > ۋە <خان ئوردىسى مۇراسىم ئەسۋابلىرى شەكلى> قاتارلىق تارىخنامىلەردە ئېنىق ھالدا، قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى تەلەپپۇزى بىلەن <سۇرناي> (苏尔奈) دەپ خاتىرىلەنگەن.
سۇرناي ئاۋازى ياڭراق چالغۇ بولۇپ، قەدىمكى زامانلاردا ناغرا - دۇمباقلار بىلەن بىرگە ھەربىي ئىشلاردىمۇ ئىشلىتىلگەن. تارىختىن بۇيان سۇرناي ۋە ناغرا - دۇمباقلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيىت - بايرام خۇشاللىقىنىڭ ئالاھىدە سىمۋولى سۈپىتىدە، ھازىرغىچە تەنتەنىلىك مۇراسىملار، توي - تۆكۈن ۋە ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا كەڭ قوللىنىلىۋاتىدۇ.