تاقىلداق
ئۇيغۇر چالغۇلىرى
بۇ سوقما چالغۇ بولۇپ، ئىككى تال، بەزىدە 5 - 6 تال قىسقىراق كەلگەن ياپىلاق تاختايچىنىڭ بېشىنى بىر - بىرىگە يىپ ئۆتكۈزۈپ باغلاش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. قول بارماقلىرى ئارىسىغا قىستۇرۇلۇپ، ئاستى تەرىپىنى ئۆز ئارا سوقۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇدار ۋە رىتىملارغا تەڭكەش قىلىنىدۇ. بېزەكلىك مىڭئۆينىڭ 16 - غارى ۋە قۇمتۇرا مىڭئۆينىڭ 68 - غارىدا رەسىمى ساقلانغان.