قوشۇق
ئۇيغۇر چالغۇلىرى
بۇ ئۇيغۇر مۇزىكىسى ۋە مەشرەپلىرىدە كەڭ قوللىنىلىپ كېلىنىۋاتقان مۇھىم سوقما چالغۇلارنىڭ بىرى. ھازىرقى مۇزىكا ئوركېستىرلىرىدا ئىشلىتىۋاتقان قوشۇقلارنىڭ شەكلىمۇ تاقام قوشۇقلىرىغا ئوخشاش ياسىلىدۇ. ھەجىمى سول يوغانراق بولۇپ، ئۈستىگە خىلمۇ خىل نەقىشلەر چۈشۈرۈلۈپ نەپىس ئىشلىنىدۇ. ئۇ كۆپرەك ئۆرۈك، ئالما، چىلان ياغاچلىرىدىن ياسىلىدۇ.
قوشۇق چېلىشتا، ئوڭ قولدا بىر جۈپ قوشۇقنىڭ سېپى چىڭ تۇتۇلۇپ، قوشۇقلارنىڭ دۈمبىسى بىر - بىرىگە توغرىلىنىپ، سول قول ئالىقانغا ۋە بەدەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا (مۈرە، تىز ۋە باشقا جايلارغا) ھەمدە يەرگە ۋە باشقا جىسىملارغا سوقۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئىككى قوشۇقنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولىدىغان خىلمۇ خىل رېتىملىق ئاۋازلار مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىنىدۇ.