UyghurWiki
UyghurWikiئۇ چالغۇلىرىقەشقەر راۋابى

قەشقەر راۋابى

ئۇيغۇر چالغۇلىرى راۋاب ئۇيغۇر چالغۇلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئومۇملاشقان ۋە مىللىتىمىزنىڭ بىردىنبىر ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە چالغۇسىدۇر. ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ناھايىتى چاققان، ئىشلىتىشكە ئەپلىك بولغاچقا، خەلقىمىز مەيلى سەھنىدە بولسۇن ياكى ئىش - ئەمگەك، سەپەرلەردە بولسۇن، ئۇنى ئېلىپ يۈرۈپ، خالىغان چاغدا چېلىپ كۆڭۈل ئاچالايدۇ. راۋاب چالغاندا، راۋابنىڭ بېشى ئوڭ قول بېلىكىمىز بىلەن ئوڭ مۈرە ئالدىدىكى قولتۇققا تىرەپ، يانتۇ كۆتۈرۈلۈپ چېلىنىدۇ. چېلىش ئۇسۇلى قۇلاي بولغانلىقتىن، مەشرەپلەردە ئولتۇرۇپ ياكى سەپەرلەردە يول يۈرۈپمۇ چېلىشقا بولۇۋېرىدۇ. ئۇيغۇر راۋابىنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، ئۇلار <قەشقەر راۋابى>، <دولان راۋابى>، <قومۇل راۋابى>، <چاپلىما راۋاب>، <باس راۋاب> ۋە قەدىمىيرەك بولغان <قويچى راۋابى> قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ. راۋاب قۇلاق ئورنى، دەستىسى ۋە راۋاب بېشى (ئەكىس سادا قاپىقى) دىن ئىبارەت ئۈچۈقىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. بېشىنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى تەرىپىگە يەرلىك ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلغان بىر جۈپ قوچقار مۈڭگۈزىنىڭ شەكلى ئورنىتىلغان بولۇپ، راۋاب ھۆسنىگە كۆركەم زىننەت بىر جۈپ قوچقار مۈڭگۈزىنىڭ شەكلى ئورنىتىلغان بولۇپ، راۋاب ھۆسنىگە كۆركەم زىننەت بېغىشلاپ تۇرىدۇ. بۇرۇن راۋابنىڭ يۈزىگە ئات ياكى ئېشەك تېرىسى كېرىلەتتى. ھازىر يۇقىرى سۈپەتلىك راۋابلارغا ئاساسەن يىلان تېرىسى ئىشلىتىلىدىغان بولدى. راۋاب كۆپرەك ياڭاق، ئۆرۈك ۋە چىنار ياغاچلىرىدىن ياسىلىدۇ. قەدىمكى راۋابلارغا قوي - ئۆچكە ئۈچىيىدىن تار ئېشىلىپ سېلىناتتى. ھازىر ھەممىسىگە ئاساسەن پولات سىم ئىشلىتىلىدۇ. قەشقەر راۋابىنىڭ دەستىسىگە كىرىچتىن ياكى سۇلياۋ يىپتىن 20 نەچچە پەدە باغلىنىدۇ. بېشى دۈگىلەك يېرىم شار شەكلىدە ياغاچتىن ئويۇلۇپ، يۈزىگە يىلان تېرىسى كېرىلىپ ياسىلىدۇ. شۇڭىلاشقا، <ئويما راۋاب> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يۈزلىكىنىڭ دىئامېتىرى تەخمىنەن 13 سانتىمېتىر، ئادەتتە 6 - 7 تال سىم تار سېلىنىدۇ ھەمدە بىرلا ئالدىنقى تارى ئاساسىي مېلودىيە ئورۇنداش ئۈچۈن، قالغانلىرى قوشۇمچە ئاككورد ياكى سادا قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئاۋازى ياڭراق، جۇشقۇن بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 90 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. قەشقەر راۋابىنىڭ سىرتقى ياغاچ يۈزىگە سۆڭەك ياكى سۇلياۋدىن خىلمۇ خىل گۈزەل مىللىيچە نەقىشلەر قويۇلۇپ، ئالاھىدە ئىشلىنىدۇ. بۇ خىل راۋاب قەشقەر رايونىدا كۆپرەك قوللىنىلغاچقا، <قەشقەر راۋابى > دەپ ئاتالغان.
← بارلىق تېمىلار ئۇ چالغۇلىرى
قەشقەر راۋابى | UyghurWiki | UyghurWiki