UyghurWiki
UyghurWikiئۇ چالغۇلىرىجاللا

جاللا

ئۇيغۇر چالغۇلىرى بۇ سوقما چالغۇ بولۇپ، ئۇيغۇرلار جاڭ - جاڭ دەپمۇ ئاتايدۇ. مىس ياكى تۇچتىن بىر جۈپ قىلىنىپ، تەخسىسىمان، ئوتتۇرىسى تومپايغان ھالدا ياسىلىدۇ (بەزىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تېرە كېرىلىدۇ) ھەمدە تومپىيىپ چىققان ئۇچىدىكى تۆشۈككە ئۆتكۈزۈلگەن يىپتىن تۇتۇپ، ئىككى دانە تەخسە يۈزىنى بىر - بىرىگە سوقۇشتۇرۇپ چېلىندۇ. بېزەكلىك مىڭئۆينىڭ 29 - غارىدا بىر جۈپ مىس جاللانىڭ رەسىمى ساقلانغان بولۇپ، بۇ قەدىمكى ئىدىقۇت مۇزىكىسىدا جاللانىڭ قوللىنىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇ چالغۇلىرى