UyghurWiki
UyghurWikiئۇ چالغۇلىرىقۇمۇل غىرجىكى

قۇمۇل غىرجىكى

ئۇيغۇر چالغۇلىرى قۇمۇل غىرجىكىمۇ قەدىمكى غىرجەكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن ئۈجمە ۋە توغراق ياغاچلىرىدىن ياسىلىدۇ (بەزىلىرى تۆمۈر ۋە مىستىنمۇ ياسىلىدۇ). غىرجەكنىڭ بېشى (ئاۋاز قاپىقى) كۆپىنچە ئۇزۇنچاق سىلىندىر شەكلىدە ياسىلىدۇ (ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تارقالغان غىرجەكلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تىك ئۆتكۈزۈلۈپ بېكىتىلگەن بولۇپ، يۈزلۈكىگە ئۆچكە ۋە يىلان تېرىسى كېرىلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 90 سانتىمېتىر، يۈزلۈكىنىڭ دېئامېتىرى 12 سانتىمېتىر، سىلىندىرسىمان بېشىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 18 سانتىمېتىر، كامانچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 65 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ). قۇمۇل غىرجىكى ئىككى تارلىق بولۇپ، بىر قانچىلىغان ئەكىس سادا تارلىرى بولىدۇ، چېلىنىدىغان تارى بىلەن دەستىسىنىڭ ئارىلىقى كەڭرەك ياسىلىدۇ. سول پۇت تېقىمى ئۈستىگە تىك قويۇلۇپ، سول قولدا پەدە بېسىپ، ئوڭ قولدا كامانچە سىيرىش ئارقىلىق چېلىنىدۇ. ئاۋازى مۇڭلۇق ۋە سىلىق بولىدۇ. كامانچىسىنىڭ تىلى ئىككى تارىنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇلغان بولۇپ، سىرتتىكى زىل تارى <سىرتقى تار>، ئىچىدىكى بوم تارى <ئىچكى تار> دەپ ئاتىلىدۇ ھەمدە چالغاندا بىردە سىرتقا، بىردە ئىچىگە سۈركەش ئۇسۇلى ئارقىلىق چېلىنىدۇ. بۇ خىل غىرجەك ئاساسەن قۇمۇل بوستانلىقلىرىدا كۆپ ئىشلىتىلگەچكە <قۇمۇل غىرجىكى> دەپ ئاتالغان.
← بارلىق تېمىلار ئۇ چالغۇلىرى
قۇمۇل غىرجىكى | UyghurWiki | UyghurWiki