بەرباب
ئۇيغۇر چالغۇلىرى
بۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەڭ بۇرۇن كۇچادا كەشىپ قىلغان قەدىمكى چەكمە چالغۇلارنىڭ بىرىدۇر ]خەنزۇچە <پىپا> (琵琶) دەپ ئاتىلىدۇ[ بەرباب ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى كەڭ ئىشلىتىلگەن.
بەرباب چېلىشنىڭ ئۇسۇلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ياشىغان ئاتاقلىق قەشقەرلىك بەرباب ماھىرى پىلولنىڭ ئىسلاھ قىلىشى ئارقىسىدا، ئەسىرلەردىن بۇيانقى يانتۇ تۇتۇپ چېلىنىشتىن تىك تۇتۇپ چېلىنىشقا، زەخمەك بىلەن چېلىنىشتىن بارماق بىلەن چېكىپ چېلىنىشقا ئۆزگەرتىلگەن. بەرباب دۇب ۋە چىنار ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 70 - 80 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولۇپ، قۇچاقتا تىك تۇتۇپ، سول قولدا پەدە بېسىپ، ئوڭ قول بارماقلىرى بىلەن تار چېكىپ چېلىنىدۇ، ھازىر مەملىكىتىمىزدە كۆپرەك قوللىنىۋاتقانلىرى تۆت تارلىق ئەگرى ساپلىق بەرباب.
بەرباب قەدىمكى زاماندا ئىچكىرى ئۆلكىلەردە <خۇپىپا> دەپ ئاتالغان ھەمدە ئۇنىڭ <ئەگرى ساپلىق پىپا> ۋە <بەش تارلىق پىپا> دىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكلى بولغان.
بەرباب سۈي، تاڭ دەۋرلىرىدە ياپونىيە، كورېيە، بېرما، ۋېيتنام قاتارلىق دۆلەتلەرگىچە تارقالغان بولۇپ، ئۇنىڭ دەسلەپكى شەكلى ھازىرمۇ ياپونىيىدە ساقلانماقتا.
ئەسكەرتىش: ھەر قانداق تارلىق چالغۇنىڭ تارىسىنىڭ رەت نومۇرى ئۇنىڭ دەستىسىنى يۇقىرىغا قىلىپ يۈزلۈكىنى ئۆزىمىزگە قارىتىپ تۇرۇپ، ئوڭ تەرەپتىن باشلاپ ① ② … دىن سانىلىدۇ.