UyghurWiki
UyghurWikiئۇ چالغۇلىرىدۈمداپ

دۈمداپ

ئۇيغۇر چالغۇلىرى بۇ قەدىمكى زامان كۇچا مۇزىكا ئوركېستىرلىرىدىكى مۇھىم سوقما چالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، جاللانىڭ يېقىن قېرىندىشىدۇر. ئۇ مىستىن دۈگىلەك، يوغان، قىرلىق پەتنۇس شەكلىدە ياسىلىپ، بىر قولدا چېتىدىن باغلانغان يىپىدىن كۆتۈرۈپ (جازىغا ئېسىپ)، يەنە بىر قولدا ئۇچىغا لاتا يۆگەلگەن ياغاچ توقماق بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدۇ ھەمدە ئاجايىپ جاراڭلىق ئاۋاز ئارقىلىق مۇزىكىنىڭ كۈچلۈك ئۇدارلىرىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭ چوڭ - كىچىك، خىلمۇ خىل نۇسخىلىرى بولۇپ، ئاۋازىنىڭ كۈچى ۋە يۇقىرىلىقىمۇ ئوخشاشمايدۇ. ئۇلار خىلمۇ خىل مۇزىكا رىتىملىرىدا بىر - بىرىگە ئۆز ئارا تەڭكەش قىلىنىپ چېلىنىش ئارقىلىق كەيپىياتنى جانلاندۇرىدۇ. دۈمداپ قەدىمكى دەۋرلەردە ئۇيغۇر ئوركېستىرىنىڭ <شىر - يولۋاس ئويۇنى> ۋە <نىقابلىق ئۇسسۇل> لارغا تەڭكەش قىلىشتىكى جاللا بىلەن بىرگە قوللىنىلىغان ئاساسلىق سوقما چالغۇدۇر.
← بارلىق تېمىلار ئۇ چالغۇلىرى
دۈمداپ | UyghurWiki | UyghurWiki